ئامېرىكىنىڭ يېڭىدىن تەيىنلەنگەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ئۆزىنىڭ تۇنجى ئاسىيا سەپىرىنى مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئاخىرى باشلىغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرىغا ئامېرىكانىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇشتا ئۇلار بىلەن ھەر زامان بىللە ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىگەن.
«ۋال سترىت ژورنىلى»نىڭ جۈمە كۈنى بەرگەن خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئامېرىكا دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى پېت خەگسەس شۇ كۈنى فىلىپىن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بىلەن بىرگە مەتبۇئات يىغىنىدا سۆزلەپ، «ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ قىلماقچى بولغىنى بولسا ئۆزىنىڭ دىققىتىنى ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان شەكىلدە دۇنيانىڭ بۇ رايونىغا يۆتكەپ ئۇنى ھەقىقىي تۈردە ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتۇر» دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، «ئامېرىكانىڭ بۇ رايوننى قوغداشقا بولغان ئىرادىسىدىن ھېچ كىم گۇمانلانماسلىقى كېرەك» دېگەن. دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى خەگسەس ۋەدە بېرىپ، ئامېرىكانىڭ پاراخوتقا قارشى باشقۇرىلىدىغان بومبا سىستېمىسى قاتارلىق قوراللارنى كېلەر ئايدا فىلىپىن بىلەن بىرلىكتە ئۆتكۈزىلىدىغان ھەربىي مانېۋېردا كۆپەيتىپ يۆتكەپ كېلىدىغانلىقىنى ئېيتقان.
گېزىتتە ئامېرىكا ھىندى-تېنچ ئوكيان قوماندانلىقىنىڭ سابىق پولكوۋنىكى گرانت نيۇشامنىڭ سۆزى نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇ سۆزىدە ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي توغرىسىدا قاتتىق ئىبارىلەر بىلەن مەيدانىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلسىمۇ، ئەمما ئامېرىكانىڭ بۇ رايونغا تېخىمۇ كۆپ ھەربىي پاراخوت، كۈرەشچى ئايروپىلان ۋە ئەسكەر يۆتكۈشىنى كۆرۈشنى خالايدىكەن.
گېزىتتە يەنە سېئۇلدىكى بىر ئەقىل ئامبىرىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسىنىڭ سۆزىمۇ نەقىل كەلتۈرۈلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا ئامېرىكانىڭ ئىتتىپاقداشلىرى بىلەن تېخىمۇ يېقىن ھەربىي ھەمكارلىقنىڭ قۇرۇلۇشى خىتايغا كۈچلۈك بىر سىگنال بېرىپ، پرېزىدېنت ترامپنىڭ يېقىندا شى جىنپىڭ بىلەن ئېلىپ بارىدىغان ئالىي يىغىندا ئۇنىڭغا سۆھبەت ئەۋزەللىكى يارىتىپ بېرىدىكەن.
«CNN»نىڭ بۇ توغرىسىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكانىڭ ئاسىيادىكى ئىتتىپاقداشلىرى ئۇنىڭ ھەربىي قىسىملىرىنىڭ بۇ رايوندا بولۇشىنى ھەربىي كۈچى تېزدىن ئېشىۋاتقان خىتاي بىلەن تېرە-تەرەققىياتلىشىۋاتقان شىمالىي كورىيەگە قارشى بىر ئاساسلىق كۈچ بولىدۇ دەپ قارايدىكەن.