ئامېرىكا بىلەن خىتاي پۇل-مۇئامىلە مۇقىملىقى توغرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان

خىتايدا يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ قەرزى ئېشىپ، ئېغىر مالىيە مەسىلىسىگە ئايلانغان، ئۆي-مۈلۈك بازىرى كاساتلىشىپ، ئىشسىزلىق ئارتقان، چەت ئەل مەبلىغىنىڭ خىتايدىن چىقىپ كېتىشى تېزلىشىپ، ئىقتىساد كاساتلاشقان بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا بىلەن خىتاي، پۇل-مۇئامىلە مۇقىملىقى توغرىسىدا ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىغان. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىدا، پۇل-مۇئامىلە ھەمكارلىق كېلىشىمىنىڭ 15-ۋە 16-ئاۋغۇست كۈنلىرى ئىككى تەرەپ مالىيە خىزمەت گۇرۇپپىسىنىڭ شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن يىغىنىدا ئىمزالانغانلىقى قەيت قىلىنماقتا. ئامېرىكا CNBC قانىلىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كېلىشىم ئامېرىكانىڭ مۇئاۋىن ياردەمچى مالىيە مىنىستىرى برەنت نېيمان بىلەن خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى شۈەن چاڭنېڭ ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىملىق مالىيە خىزمەت گۇرۇپپىسى سۆھبىتىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەن.

خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ مەزكۇر ئىككى كۈنلۈك سۆھبەت ھەققىدىكى ئاخباراتىدا، «سۆھبەتنىڭ كەسپىي، ئەمەلىي، سەمىمىي ۋە ئىجابىي» ئۆتكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. CNBC نىڭ كۆرسىتىشىچە، يىغىندا كاپىتال بازىرى، چېگرا ھالقىغان تۆلەنمە، ئىككى دۆلەتنىڭ پۇل-مۇئامىلە سىياسىتى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ يېقىندا ئاخىرلاشقان 20-نۆۋەتلىك 3-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ بۇ جەھەتتىكى قارارلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغانىكەن.

يىغىندا يەنە ئىككى تەرەپنىڭ مالىيە بېسىمى ۋە خەتەر يۈز بەرگەندە ئۆز ئارا ئالاقىلىشىدىغان كىشىلەر تىزىملىكىنى ئالماشتۇرغانلىقى، شۇنداقلا يىغىنغا ئامېرىكا فېدېراتسىيە خەزىنىسى، ئامېرىكا ئاكسىيە، يەنى پاي چەك ئالماشتۇرۇش كومىتېتى، دۆلەتلىك مالىيە تۈزۈمى ئىدارىسى ۋە خىتاينىڭ ئاكسىيە بازىرىنى نازارەت قىلىش كومىتېتى ۋەكىللىرىنىڭ قاتناشقانلىقى قەيت قىلىنماقتا.

بۇ قېتىملىق سۆھبەت بۇ ئاينىڭ باشلىرىدا خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ پاي چەك بازىرىغا ئارىلىشىدىغانلىقى ھەققىدىكى دوكلاتىدىن كېيىن، ئۇنىڭ پاي چەك بازىرىدا قاتتىق داۋالغۇش يۈز بېرىشىنىڭ ئارقىسىدىن ئۆتكۈزۈلگەنىدى. CNBC نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتاي خەلق بانكىسىنىڭ مۇدىرى پەن گوڭشىڭ 15-ئاۋغۇست كۈنى خىتاينىڭ مالىيە خېيىم-خەتىرى، جۈملىدىن يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكىنى ئېيتقانىدى.