خىتايچە «شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 30-دېكابىر تارقاتقان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، 2020-يىل پۈتكۈل ئۇيغۇر رايونىدا ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە، يېزا، مەھەللە بويىچە «بەش دەرىجىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى» بەرپا قىلىنغان بولۇپ، ھەر قايسى شەھەر، يېزىلاردا قۇرۇلغان ئىشقا ئورۇنلىشىش خىزمەت پونكىتى 11مىڭ 735 كە يەتكەن.
بۇ خىزمەتكە مەسئۇل بىر خىتاي ئەمەلدارىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەرلىك ھۆكۈمەتلەر ئاساسىي قاتلامدا «يېزىدىن چىقماي سىياسەت يۈرگۈزۈش، يېزىدىن چىقماي خىزمەت تېپىش» تەدبىرىنى يولغا قويغان بولۇپ، ئۇچۇرلارنى تورلاشتۇرۇش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بىر گەۋدىگە ئايلانغان مۇلازىمەت سۇپىسىنى قۇرۇپ چىققان.
تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، «يېزىدىن چىقماي خىزمەت تېپىش» دېگىنى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇرلارنى ئۆز يېرىدە ئۆز ئىگىلىكىدىن ئايرىپ قۇل قىلىش دېگەنلىكنى بىلدۈرىدىكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆي-زېمىنىنى تۈزلەپ بىنا سېلىپ، ئۇلارنىڭ ياشاش مۇھىتىنى ۋەيران قىلغان بولسا، نامراتلىقنى يۆلەش باھانىسى بىلەن ئۇلارنىڭ تېرىلغۇ يېرىنى تارتىۋېلىپ زاۋۇت قۇرۇپ، ئۇلارنى ئازغىنە مائاشقا ئىشلەيدىغان قۇل ئەمگەكچىلەرگە ئايلاندۇرغان. خىتاينىڭ ئۇيغۇر يېزىلىرىنى شەھەرلەشتۈرۈش پىلانى ئەمەلىيەتتە ئۇيغۇر دېھقانلىرىنى ئەركىن ئىگىلىكتىن مەھرۇم قىلىپ، زامانىۋى قۇلغا ئايلاندۇرۇش قارا نىيىتىنى بىلدۈرىدىكەن.