مىلادىيە 2014 - يىلىنى ئۇزۇتۇپ، 2015 - يىلىنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىملىرى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەر خىل مەزمۇنلار بىلەن ئۆتكۈزۈلمەكتە. يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ھەر قايسى مەملىكەت رەھبەرلىرىمۇ تېلېۋىزىيە نۇتىقى سۆزلەپ، 2015 - يىلىنىڭ ئۆزلىرى ئۈچۈن زور نەتىجىلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش پائالىيەتلىرى ئوتتۇرا ئاسىيا، ياۋروپا، ئامېرىكا ۋە باشقا بىر قىسىم دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر جامائەتلىرى تەرىپىدىنمۇ ھەر خىل شەكىل ۋە ئۇسۇلدا ئۆتكۈزۈلۈش پىلان قىلىنغان.
ئامېرىكا ئۇيغۇرلىرى بىرلەشمىسى بىلەن خەلقئارالىق ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى 2015 - يىلى يېڭى يىلنى تەنتەنىلىك كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن 31 - دېكابىر كۈنى ۋىرجىنىيا شتاتىدىكى فائىرفاكىس شەھىرىدە پائالىيەت ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
بۇ پائالىيەتلەر قويۇق مىللىي مەدەنىيەت تۈسى ئالغان بولۇپ، ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بىرلىك، ئۆملۈك، ئۆز تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈش شۇنىڭدەك كىملىك روھىنى ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدىكەن.