ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى خىتاينى ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى توختىتىشقا چاقىردى

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك باشقارمىسى 18-مارت چاقىرىق ئېلان قىلىپ، 2019-يىلى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇيغۇرلارغا قارىتا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى توختىتىشقا چاقىرغان.

بۇ پىرېزىدېنت ترامپ ھۆكۈمىتى بۇ يىل 1-ئايدا ۋەزىپىسىگە ئولتۇرغاندىن بېرى، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى قايتا تەكىتلىشىدۇر. بۇنىڭ ئالدىدا، يەنى ئۆتكەن ھەپتە، ئامېرىكا تاشقى ئىشلار تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو، ئۇيغۇرلارنى خىتايغا قايتۇرۇشتا جاۋابكارلىقى بولغان تايلاند دائىرىلىرىگە ۋە باشقا چەت ئەل ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا ۋىزا ئېمبارگوسى قويغانلىقىنى ئېلان قىلغاندىمۇ، ئۇيغۇر ۋە باشقا مۇسۇلمان گۇرۇپپىلارغا قارىتىلغان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەم ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەمگەك باشقارمىسىنىڭ X تا ئېلان قىلىنغان چاقىرىقىدا مۇنداق دېيىلگەن: «ئۇيغۇر دوختۇر گۈلشەن ئابباس 2019-يىلى مەخپىي سوتتا 20 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىندى، ئۇ بۈگۈنگىچە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. خىتاي كومپارتىيەسى گۈلشەن ئابباسنى ئاساسسىز ئەيىبلەشلەر بىلەن تۇتقۇن قىلغان، بۇ ئۇنىڭ ئامېرىكا پۇقراسى بولغان ئائىلىسىنى جىمىقتۇرۇش يولىدىكى چېگرا ھالقىغان باستۇرۇش ھەرىكىتىدۇر».

باياناتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: «خىتاي كومپارتىيەسى ئۇيغۇرلارغا قارشى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى، شۇنىڭدەك زورلۇق ۋە قورقۇتۇش ئارقىلىق، ئامېرىكالىقلارنى جىمىقتۇرۇش ئۇرۇنۇشلىرىنى توختىتىشى شەرت».

مەلۇم بولۇشىچە، گۈلشەن ئابباس ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 2-دوختۇرخانىنىڭ پېنسىيەگە چىققان دوختۇرى بولۇپ، ئۇ 2018-يىلى 9-ئايدا تۇتۇپ كېتىلگەن. ئۇنىڭ ئامېرىكادىكى ئائىلە ئەزالىرى 2020-يىلى 12-ئايدا، گۈلشەن ئابباسنىڭ «تېررورلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىش»، «تېررورلۇق پائالىيەتلەرگە ياردەم بېرىش»، «ئىجتىمائىي تەرتىپكە بۇزغۇنچىلىق قىلىش» قاتارلىق «جىنايەت» لەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، 2019-يىلى 3-ئايدا 20 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان.