ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە 25-مارت كۈنى «ئۇيغۇر نورۇز بايرىمى ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىققا تاقابىل تۇرۇش» نامىدا پائالىيەت ئۆتكۈزۈلدى. ئۇنىڭغا دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى، ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى، ئامېرىكىنىڭ سابىق ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى، شۇنداقلا ئۇيغۇرشۇناسلار ۋە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئىشتىراك قىلدى.
ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ئەزاسى جىم مەكگاۋىرن (Jim McGovern) نۇتقىدا ئۇيغۇرلارنىڭ نورۇزىنى مۇبارەكلەپ، ئامېرىكىنىڭ ھەر ۋاقىت ئۇيغۇر خەلقىنى ھىمايە قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ يەنە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئۇيغۇر بۆلۈمىنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى بولۇپ، ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا كۆرسەتكەن تۆھپىلىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئالدى.
شىمالىي ۋىرجىنىيەدىن كەلگەن دۆلەت مەجلىس ئەزاسى سۇخاس سۇبرامانيام (Suhas Subramanyam) ئۆز رايونىدا كۆپ ئۇيغۇرلارنىڭ بارلىقى، ئۇلارغا داۋاملىق كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، سەيشەنبە سۇنغان «ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداش» قانۇن لايىھەسى توغرىسىدا قىسقىچە چۈشەنچە بەردى.
ئامېرىكا خەلقئارا دىنىي ئەركىنلىك كومىتېتىنىڭ كومىسسارى مۇھەممەد ئەلساناۋسى (Mohamed Elsanousi)، ئامېرىكىنىڭ سابىق ياردەمچى تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سكوت باسبى (Scott Busby) ۋە پىروفېسسور شون روبېرتسمۇ (Sean Roberts) نورۇز توغرىسىدا تەبرىك سۆزى قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
مەزكۇر پائالىيەت ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى، ئۇيغۇر ھەرىكىتى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ رەھبەرلىرى ئامېرىكىنىڭ ھەر ساھەسىدىكى ئۇيغۇرلارغا ياردەم قولىنى سۇنۇپ كېلىۋاتقان ئورگان ۋە شەخسلەرگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنى داۋاملىق قوللىشىغا تىلەكداشلىقىنى ئېيتتى.
ئاخىرىدا، بىر جۈپ ئۇيغۇر سەنئەتكار خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن 2019-يىلى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئاتاقلىق شائىر ۋە ئەدىب ئابدۇقادىر جالالىدىن تۈرمىدە يازغان «يانارىم يوق» دېگەن شېئىرىنى ئىنگلىزچە دېكلاماتسىيە قىلدى ۋە ناخشىسىنى ئېيتىپ، پائالىيەتكە ئىشتىراك قىلغۇچىلار تەرىپىدىن ئالقىشقا ئېرىشتى.