ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ مۇھىم ئەزاسى گۈلشەن ئابباسنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن

ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى رەئىسى جون مۇلېنار ئۆتكەن ھەپتە خىتاي ھۆكۈمىتى 20 يىللىق قاماق جازاسى بەرگەن گۈلشەن ئابباسنىڭ قىزى زىبا مۇرات بىلەن كۆرۈشكىنىدە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ دوختۇر گۈلشەن ئابباسنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن داۋاملىق كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.

رەئىس مۇلېنار جۈمە كۈنى تۋىتېردا (X) ئېلان قىلغان سۆزىدە، گۈلشەن ئابباس دېلوسىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت ھالقىغان زىيانكەشلىك ھەرىكىتىنىڭ ئوچۇق‏-ئاشكارە شەكلى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئائىلە-تاۋاباتلىرىغا زىيانكەشلىك قىلىش ئارقىلىق چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنى جازالاش ئۇسۇلى ئىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى دوختۇر گۈلشەن ئابباسنى 2018-يىلى سېنتەبىردە قولغا ئېلىپ، ئاتالمىش "تېررورىزم" جىنايىتىگە باغلاپ 20 يىل كەسكەن. خىتاي ھۆكۈمىتى دوختۇر گۈلشەننى ئامېرىكادىكى سىياسىي پائالىيەتچى سىڭلىسى روشەن ئابباس ۋاشىنگتوندىكى مەشھۇر خۇدسون ئىنستىتۇتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايىتى توغرىسىدا نۇتۇق سۆزلىگەن بىر قانچە كۈندىن كېيىنلا تۇتۇپ كەتكەن ئىدى. رەئىس مۇلېنار سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان زىيانكەشلىكلىرىنىڭ جاۋاپكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئامېرىكا-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت پەۋقۇلئاددە كومىتېتى 2023-يىلى يانۋاردا قۇرۇلغاندىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارشى ئېلىپ بېرىۋاتقان زىيانكەشلىكلىرىنى ئەيىپلەپ كەلگەن. بۇ كومىتېت قۇرۇلۇپ ئىككى ئايدىن كېيىنلا، يەنى 2023-يىلى مارتتا ئۇيغۇر لاگېر شاھىتلىرىدىن گۈلباھار خاتىپھاجى ۋە قەلبىنۇر سىدىقلارنى ۋاشىنگتونغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىپ، ئۇلارنىڭ خىتاي لاگېرلىرىدا ئۆز بېشىدىن ئۆتكەن كەچمىشلىرى توغرىسىدا گۇۋاھلىق بەرگۈزگەن ئىدى.