ئالجېرىيەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى تەكىتلىدى

يېقىندىن بۇيان جىددىلىشىۋاتقان ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىدىكى بىر مۇھىم تېما ئامېرىكانىڭ بېيجىڭدىكى باش ئەلچىخانىسىنى چۆرىدىگەن ھالدا داۋام قىلىۋاتقان بولۇپ، 30-دېكابىر كۈنى بۇ ھال ئالجېرىيەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىدىمۇ ئۆز ئەكسىنى تاپتى.

بۇنىڭدىن بىر ھەپتە بۇرۇن ئالجېرىيەدىكى ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ تور بېتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە چۈشەنچە بېرىلگەن. شۇنىڭدەك ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىدىكى ئىككى ئۇيغۇر رېستۇرانىنىڭ ئۇيغۇر تائاملىرىنى ۋاستە قىلغان ھالدا نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق زىيانكەشلىك قىلىۋاتقانلىقىنى كەڭ ئامېرىكا جامائ‍ىتىگە تونۇشتۇرىۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان ئىدى.

28-دېكابىر كۈنى خىتاينىڭ ئالجېرىيەدىكى باش ئەلچىخانىسى بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ: «بۇ قوپاللىق بىلەن بىزنىڭ ئىچكىي ئىشلىرىمىزغا ئارىلاشقانلىق،» دېگەن. شۇنىڭدەك ئامېرىكا تۇپرىقىدىكى مۇسۇلمانلارنىڭ ھازىر كەڭ كۆلەملىك كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، خىتايدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بولسا «دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىدىن تولۇق بەھرىمەن بولغان ھالدا بەختىيار تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقانلىقى» نى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە سۈكۈت قىلىشقا قىستاۋاتقانلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتكەن بىر قىسىم ئۇيغۇر ئانالىزچىلار بۇ ھەقتە توختىلىپ: «روشەنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى داۋاملىق ئىسلام دۇنياسىنى ئالداشنىڭ كويىدا بولماقتا. ئۆز پەرزەنتلىرىگە ئىسلامىي ئىسىم قويغان ئ‍ۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا قاماۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ھەققىدە بىلجىرلىشى ئۇچىغا چىققان ساختىپەزلىك،» دېيىشمەكتە.