21-ئىيۇن، خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن ئۇيغۇر ياش ناخشىچىسى ئابلاجان ئايۇپ ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
مەزكۇر ئورگان باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئابلاجان ئايۇپنى 2018-يىلى 15-فېۋرال كۈنى ئۆزىنىڭ پىكىر ۋە كۆز قاراشلىرىنى تىنچلىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويغانلىقى ئۈچۈن ھېچقانداق قانۇنىي تەرتىپلەرگە ئۇيغۇن بولمىغان ئاساستا تۇتقۇن قىلغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئۇنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇۋېتىشكە چاقىرغان.
خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەزالىرىنى ئۆزلىرى تۇرۇشلۇق دۆلەتلەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ۋە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا مەكتۇپ يوللاپ، ئابلاجان ئايۇپنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىشقا چاقىرغان.
ئۇيغۇر ناخشىچى ئابلاجان ئايۇپنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى قاتتىق تەنقىد قىلىنغان باياناتتا خىتاي ھۆكۈمىتى ئابلاجان ئايۇپنىڭ قەيەردىلىكىنى ئاشكارىلاش، ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە ئۇنىڭ ئادۋوكات بىلەن كۆرۈشۈشىگە پۇرسەت بېرىشكە چاقىرىلغان.
1984-يىلى گۇما ناھىيەسىنىڭ سانجۇ يېزىسىدا تۇغۇلغان ئابلاجان ئايۇپ، 2006-يىلى ئۈرۈمچىگە كۆچۈپ كېلىپ، ئوقۇش ۋە سەنئەت پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە كەڭ ئۇيغۇر جامائىتى بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياش-ئۆسمۈرلىرىنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى رادىيومىزنىڭ يەرلىك ئورۇنلارغا تېلېفون قىلىشى نەتىجىسىدە دەلىللەنگەن ئىدى.
خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر مىللىي مەدەنىيىتىنى تەشەببۇس قىلغانلارنى ياكى ھۆكۈمەتكە تەنقىدىي پىكىردە بولغانلارنى باستۇرۇشنى ئىلگىرىلەپ كۈچەيتكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، تۈرمىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىدىن مۇتەللىپ ئىمىن، پەرھات خالمۇرات قاتارلىقلارنىمۇ ئەسلەپ ئۆتكەن.