تېلېفون ئارقىلىق رادىيومىزنى ئاڭلاڭ
2013.09.17
رادىيومىز AudioNow (ئاۋاز شۇئان) تور بېتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئامېرىكىدىكى ئاڭلىغۇچىلىرىمىزغا يانفون ئارقىلىق ئۇيغۇرچە ئەڭ يېڭى پروگراممىلىرىمىزنى ئاڭلاش ئىمكانىيىتى ياراتتى. 0139 - 232 -857 غا تېلېفون قىلىڭ، لېكىن تۆۋەندىكى شەرتلەرگە دىققەت قىلىڭ:
- يانفون ئىشلەتكۈچىلەردىن تېلېفون مۇلازىمەت پىلانى بويىچە ھەق ئېلىنىدۇ. دېمەك، بۇ مۇلازىمەت ئارتۇقچە ھەق ئالمايدۇ، ھەرقايسى شىركەتلەرنىڭ تېلېفون مۇلازىمەت پىلانى بويىچە ھەق ئالىدۇ. يانفون ئىشلەتكۈچىلەر ئۆزلىرىگە بېرىلگەن مىنۇت پىلانىدىن ئېشىپ كەتسە، ئۆزى توختام تۈزگەن تېلېفون شىركەتلىرى ئارتۇق ئىشلەتكەن مىنۇتلىرىغا قاراپ ھەق ئالىدۇ.
- بۇ ھەقسىز تېلېفون نومۇرى ئەمەس. سىملىق تېلېفون ئىشلەتكۈچىلەردىن ئادەتتىكى ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ھەققى ئېلىنىدۇ. ئامېرىكىنىڭ سىرتىدىكىلەردىن (چەتئەلدىن تېلېفون قىلغۇچىلاردىن) تۇرۇۋاتقان ئورنىغا قاراپ ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ھەققى ئېلىنىدۇ.
- Skype بەلكىم ئامېرىكا ۋە ئامېرىكىنىڭ سىرتىدىكى ئىشلەتكۈچىلەرگە ئۇزۇن يوللۇق مۇلازىمەت ھەققى ئالمايدىغان مۇلازىمەتنى يولغا قويۇشى مۇمكىن.
ئەسكەرتىش: ھەرقانداق تېخنىكىلىق ياردەم كېرەك بولسا، support@audionow.com ئارقىلىق «ئاۋاز شۇئان» غا ئىنكاس قىلىڭ.