خۇ جىڭتاۋ يېڭى يىل نۇتۇقىدا تەيۋەننى ئاگاھلاندۇردى

خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ جۈمە كۈنى تېلېۋىزور نۇتقى سۆزلەپ، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ يېڭى يىلىنى تەبرىكلىدى. بىراق ئۇ نۇتۇقىدا تەيۋەن مۇستەقىلچىلىرىنى ئاگاھلاندۇرغان شۇنداقلا ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا چاقىرغان. ئۇ، "جوڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مۇھىم نىشانلىرىنىڭ بىرى، جوڭگونى تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش،" دەپ كۆرسەتكەن. خۇ جىنتاۋ، بىر جوڭگو پرىنسىپى ئاستىدا، تەيۋەن بوغۇزى ئىككى قىرغىقى ئوتتۇرىسىدىكى سۆھبەتنى ھەر ۋاقىت ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ، تەيۋەندىكى مۇستەقىللىق تەرەپدارلىرىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، “ ھەر قانداق كىشىنىڭ ھەر قانداق ئۇسۇلدا تەيۋەننى جوڭگودىن بۆلۈپ چىقىپ كېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ، دەپ تەكىتلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، خۇ جىنتاۋنىڭ سۆزى تەيۋەن پرېزىدېنتى چېن شۈيبيەنگە قارىتىلغان، دەپ قارىماقتا. خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى يېقىندا "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش" قانۇنى چىقىرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. مۇتەخەسسىسلەر، بۇ قانۇننىڭ تەيۋەنگە قارىتىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بىراق چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى قانۇنچىلار، "دۆلەتنى پارچىلاشقا قارشى تۇرۇش" قانۇنىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ياكى ئالمايدىغانلىقىغا سوت مەھكىمىلىرى قارار بېرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە. (ئەركىن)