خىتاي ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى خىتاپنامىسى ئېلان قىلىندى

چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ تور بەتلىرىنىڭ 2008 - يىلى 1 - يانۋار خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ چەتئەلدىكى دېموكراتلىرى، خىتاي ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي قۇرۇلغانلىقىنى جاكارلاپ، ئۆزىنىڭ خىتاپنامىسىنى ئېلان قىلدى. خىتاي ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتى، چەتئەلدىكى خىتايلارنىڭ چېگرىسىز، ئىقتىسادىي مەنپەئەتسىز تەشكىلاتى، ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت خىتاي تۇپرىقىغا يەرلىشىشتىن بۇرۇن، ئەزالارغا دۆلەت تەۋەلىكى، كىملىك، ياش چەكلىمىلىرى تەلەپ قىلىنمىسىمۇ، ئەمما چوقۇم خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىدىن چېكىنگەن بولۇشى شەرت قىلىنغان.

خىتاي ئۆتكۈنچى ھۆكۈمەت خىتاپنامىسىدا، خىتاي ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ خاراكتېرى - خىتايدا كوممۇنىستىك تۈزۈمنى بىكار قىلىپ، دېموكراتىك ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش شۇنداقلا ھاكىمىيەتكە خەلق ئىگىدارلىق قىلىدىغان سىياسەتنىڭ ھەقىقىي سىمۋولى دەپ كۆرسىتىلگەن.

مەزكۇر خىتاپنامىدا يەنە، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى خىتاي خەلقىنى سىياسىي ھوقوقىغا تايىنىپ باستۇرۇپ كونترول قىلىۋاتقان ھاكىمىيەت، خىتاي خەلقى ئاللا بۇرۇنلا سىياسەت ھەم مەدەنىيەت جەھەتتىن قۇل قىلىنغان.خىتاينىڭ ھازىرقى ئەمەلىيىتىمۇ ئىسپاتلايدۇكى، خىتاينىڭ رەھبەرلىك قاتلىمى بولسا ئىچى ‏- ئىچىدىن چىرىگەن، پارىخور قارا قول گۇرۇھ. خىتاي كومپارتىيىسى بولسا دەل بۇ قارا قوللارنى تەربىيىلىگەن ھەم ئۇلارنى قوغدايدىغان ئەكسىچە خەلقنىڭ مەنپەئەتى، بارلىق قانۇنىي ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان قارا سىياسىي كۈچ دېيىلگەن شۇنداقلا خىتاي ئۆتكۈنچى ھۆكۈمىتىنىڭ تۈپ نىشانىنىڭ،خىتايدا بارلىق ساھەلەردىكى ھەقنى قوغدىغۇچى ئاممىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، دېموكراتىيە ھەم كىشىلىك ھوقۇققا توسالغۇلۇق قىلىۋاتقان بارلىق سىياسىي توسالغۇلارنى سۈپۈرۈپ تازىلاش دەپ ئەسكەرتىلگەن.

نۆۋەتتە، خىتاي ئىچى ھەم سىرتىدىكى ئۆكتىچى، دېموكراتىيىچى كۈچلەر بارغانچە ئۇيۇشۇۋاتقان بولۇپ، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيىسىدىن چېكىنىپ چىققۇچىلارنىڭ بارغانچە كۆپىيىۋاتقانلىقى بىلدۈرۈلمەكتە. (گۈلچېھرە)