خىتاي يېڭى پاسپورت قانۇنى ئېلان قىلدى

خىتاي ئاخبارات تورلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرىدىن قارىغاندا، 2007-يىلى، 1-ئاينىڭ 1-كۇنىدىن ئېتىبارەن يېڭى پاسپورت قانۇنىنى كۈچكە ئىگە قىلىدىكەن.

قانۇن بويىچە پاسپورتقا ئىلتىماس قىلىدىغان كىشى نوپۇس، سالاھىيەت گۇۋاھنامىسى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى تەييارلىشى كېرەك بولۇپ، ئاددىي پاسپورتنىڭ بېجىرىلىش ۋاقتى ئىلگىرىكىدىن قىسقارتىلىپ، 15 كۈنگە چۈشۈرۈلگەن.

بۇنىڭدىن باشقا يەنە ئادەملەرنىڭ ياش ئۆلچىمىگە بىنائەن پاسپورتنىڭ يىل ئۆلچىمى ھەر خىل بولغان. مەسىلەن 16 ياشتىن تۆۋەنلەرنىڭ پاسپورت مۇددىتى 5 يىل بولسا، 16 ياشلىقتىن يۇقۇرىلارغا 10 يىل بولغان شۇنىڭدەك يەنە پاسپورت ئۇزارتىش ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.

خەۋەرلەردىن قارىغاندا، 2006-يىلى پۈتۈن خىتاي بويىچە 3 مىليون 920 مىڭ ئادەم پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغان بولۇپ، ھازىر 20 مىليون ئادەمنىڭ پاسپورتى بار ئىكەن. بىراق، يېقىنقى ۋاقىتلاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بەزى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىش ئەھۋاللىرى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورت ئېلىشى تەسرەك ئىكەن. (ئۈمىدۋار)