يېقىندا ياۋروپادىكى گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق رىكورتىنى ئەيىبلەيدىغان جىددىي ھەرىكەتلەر يۈز بەرگەن ۋە خىتاي ئەگەر كىشىلىك ھوقۇق ھەققىدە دۇنياغا بەرگەن ۋەدىسىدە تۇرمىسا، ئولىمپىك مۇسابىقىسىنى بايقۇت قىلىشقا چاقىرىدىغان بىر قاتار تەشەببۇسلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقنىڭ بېلىگىيىدىن يوللىغان خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ ئولىمپىك مۇسابىقىسى جەريانىدا ھەممە تەنھەرىكەتچىنىڭ سىياسىي مەسىلىلەردە پىكىر بايان قىلىشىغا رۇخسەت قىلمايدىغانلىقىنى جاكارلىغانلىقىغا ئاساسەن، بېلىگىيە ئولىمپىك كومىتېتى 1 - ئاينىڭ 23 - كۈنى بېلىگىيە تەنھەرىكەتچىلىرى بېيجىڭ ھۆكۈمىتىنىڭ پىكىر ئەركىنلىكى جەھەتتە چەكلىمە قويۇشىغا دۇچ كېلىش ئېھتىمالى بارلىقىنى ئۇقتۇردى.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى بۇنىڭدىن بۇرۇن ئولىمپىك مۇسابىقىسى جەريانىدا، پەقەت ئولىمپىك مۇسابىقىسى مەيدانىدىلا تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ سىياسىي پىكىر بايان قىلىشى چەكلىنىدۇ، ئۇنىڭ سىرتىدىكى ئولىمپىك مەھەللىسى قاتارلىق باشقا سورۇنلاردا ئەركىن پىكىر بايان قىلىش چەكلەنمەيدۇ، دەپ جاكارلىغان بولسىمۇ، ئەمما ھازىر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى قىلغان بۇ سۆزلەرگىمۇ ئەمەل قىمايدىغانلىقى مەلۇم بولماقتا.