ياپونىيىنىڭ شاڭخەي كونسۇلخانىسىدىكى بىر دىپلوماتنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسى خىتاي - ياپونىيە مۇناسىۋىتىدىكى سۈركىلىشنى يەنە كۈچەيتتى. ياپونىيە ھۆكۈمىتى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن خىتايغا رەسمىي نارازىلىق بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاي دائىرىلىرى ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ نارازىلىقىنى رەت قىلىپ، ياپونىيىنى باشقىچە غەرىزى بار دەپ ئەيىبلىدى.
ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاي تەرەپنىڭ ھەرىكىتىدىن ئەپسۇسلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن ۋە بېيجىڭ دائىرىلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن ئىدى. ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى يېقىندا شاڭخەيدىكى ياپونىيە كونسۇلخانىسىنىڭ بىر دىپلوماتى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان.
خىتاي بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ بىر خادىمى ياپونىيىلىك بۇ دىپلوماتنىڭ شاڭخەيدىكى بىر بەزمىخانا كۈتكۈچىسى بىلەن بولغان غەيرى نورمال مۇناسىۋىتىنى پاش قىلىۋېتىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالغان ئىكەن. بۇ دىپلومات ئۆزىنىڭ ۋەسىيەتنامىسىدا خىتاي بىخەتەرلىك دائىرىلىرىنىڭ بېسىمىغا ئۇچرىغانلىقىنى پاش قىلغان.
خىتاي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى چىن گاڭ، "بۇ ۋەقە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش دىلوسى، جۇڭگو - ياپونىيە ئىككى تەرەپ بۇ دىلونىڭ خاراكتېرىنى بۇرۇنلا بېكىتىپ بولغان، دەيدۇ. ئۇ، " ياپونىيە كونا ۋەقەنى تەكرارلاپ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسىنى جۇڭگو خادىملىرى بىلەن باغلاۋاتىدۇ، بۇنىڭدا پۈتۈنلەي باشقىچە غەرەز بار" دەپ تەكىتلىگەن. چىن گاڭ، " بىز ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل مەقسەتلىك ھالدا جۇڭگونىڭ ئوبرازىغا داغ تەككۈزۈش ھەرىكىتىدىن قاتتىق غەزەپلىنىۋاتقانلىقىمىزنى بىلدۈرىمىز، دەيدۇ. ئەمما ياپونىيە مەتبۇئاتلىرى خىتاينى ب د ت ئەھدىنامىلىرىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىمەكتە. (ئەركىن)