خىتاي خەلقئارا ھاۋالە مەبلەغ شىركىتى CITIC قازاقىستان نېفىتلىكىنى سېتىۋالدى

مەركىزى خوڭكوڭدىكى خىتاي خەلقئارا ھاۋالە مەبلەغ شىركىتى كانادا ئىگىدارچىلىقىدىكى قازاقىستان نېفىتلىكىنى بىر مىليارد 910 مىليون دوللارغا سېتىۋالغانلىقىنى جاكارلىدى.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، كانادا مىللىي ئېنېرگىيە شىركىتىدىن سېتىلغان قازاقىستان قاراجانباس نېفىتلىكىنىڭ 50 % پاي چېكىنى قازاقىستان دۆلەت ئىگىلىكىدىكى قازاقمۇنايگاز شىركىتىگە ئۆتكۈزۈپ بېرىشكە ماقۇل بولغان.

خىتاي خەلقئارا ھاۋالە مەبلەغ شىركىتى نىڭ قازاقىستان نېفىتلىكىنى سېتىۋېلىش سودىسىغا قازاقىستاندىكى بەزى سىياسى ئەرباپلار قارشى چىققان. ئۆتكەن يىلى نويابىردا قازاقىستان نېفىت مىنىستىرى باقتىقوجا ئىزمۇقەمبېتوۋ، خىتايلارنىڭ قازاقىستان نېفىتلىكىنى سېتىۋېلىشىغا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، شۇ قېتىمقى سۆزىدە "بىز قاراجانباس نېفىتلىكىنى سېتىۋېلىش سودىسىنى توختىتىش ئۈچۈن ئالاھىدە تەدبىرلەرنى ئېلىشىمىز كېرەك،" دەپ تەكىتلىگەن. بۇ خىتايلارنىڭ قازاقىستاندىن سېتىۋالغان 2 - نېفىتلىك بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئالدىنقى يىلى خىتاي كانادا نېفىت شىركىتىنىڭ قازاقىستاندىكى بىر نېفىتلىكىنى سېتىۋالغان ئىدى.

خەلقئارا ھاۋالە مەبلەغ شىركىتى 1979 - يىلى خوڭكوڭدا خىتاينىڭ سابىق مۇئاۋىن دۆلەت رەئىسى روڭ يىرېن تەرىپىدىن قۇرۇلغان. مەزكۇر شىركەت ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرىدە ئاساسى قۇرۇلۇش ساھەسىگە كۆپلەپ مەبلەغ سېلىۋاتقان خىتاي شىركەتلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. (ئەركىن)