سادام ھۈسەيىن ئۆز يۇرتى تىكرىكقا دەپنە قىلىندى

سابىق ئىراق پرېزىدېنتى سادام ھۈسەيىن 30 –دېكابىر يەنى شەنبە كۈنى باغدادتا گرېنۋىچ ۋاقتى سائەت ئۈچتە دارغا ئېسىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، 31-دېكابىر كۈنى ئۆز يۇرتى تىكرىككە ئېلىپ كېلىنىپ، دەپنە قىلىندى.

ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، سادام ھۈسەيىننىڭ جەسىتى بىر دانە ئامېرىكا تىك ئۇچۇر ئايروپىلانى بىلەن 31-دەكبابىر كۈنى تىكرىككە ئېلىپ كېلىنىپ، يەرلىك ئەمەلدارلار ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇغ تۇغقانلىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن شۇ كۈنى تىكرىك يېنىدىكى سادامنىڭ ئانا يۇرتى ئائۇجا يېزىسىغا دەپنە قىلىنغان.

خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە، سادام ھۈسەيىن ئامېرىكا ئەسكەرلىرى تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىككى ئوغلى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئانىسى ۋە نەۋرىسى دەپنە قىلىنغان قەبرىستانلىققا قويۇلغان.

سابىق ئىراق پرېزىدېنتىنىڭ دارغا ئېسىلىشىغا نىسبەتەن ئىراقتا تۈرلۈك ئىنكاسلار پەيدا بولغان. سادام دارغا ئېسىلغان كۈنى بىر قىسىم شىئەلەر تەبرىكلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزگەن بولسا، بىر قىسىم سۈننىيلەر نارازىلىق بىلدۈرگەن ھەمدە شىئەلەر ياشايدىغان ئىككى جايدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 70 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان.

سادام ھۈسەيىننىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ھەققىدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ باھاسى بىردەك ئەمەس بولۇپ، ب ب س ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، ئىراق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنى سادامنىڭ جىنايەتلىرىنى كۆرسىتىش بىلەن بىرگە باش مىنىستىر مالىكى "سادامنىڭ ئۆلۈشى ئىراق تارىخىدىكى بىر قاراڭغۇ-زۇلمەتنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىدۇر" دېگەن. (ئۈمىدۋار)