پاكىستان پارلامېنت سايلىمى كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىن

پاكىستان دائىرىلىرىنىڭ ئەسلى 8 - يانۋار ئۆتكۈزۈش بېكىتىلگەن پاكىستان پارلامېنت سايلىمىنى كېچىكتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇرلار تارقالغاندىن كېيىن، پاكىستان ئۆكتىچى پارتىيىسى ھەمدە ئامېرىكىنىڭ نارازىلىقىغا ئۇچرىدى.

پاكىستاندىكى ئۆكتىچى پارتىيە بولغان پاكىستان خەلق پارتىيىسى، سايلامنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى پاكىستاندا يەنىمۇ زور خەلق نارازىلىقى ھەم توقۇنۇشلارغا سەۋەب بولۇشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

ئامېرىكا تاشقى ئىشلار باياناتچىسى تام كەيسى 31 - دېكابىر بۇ ھەقتە بايانات بېرىپ،"ئەگەر پاكىستان پارلامېنت سايلىمىنىڭ بىخەتەر ئۆتكۈزۈلۈشى مۇمكىن بولسا ئامېرىكا ئۇنىڭ كېچىكتۈرۈلمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدۇ "دېدى.

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو ‏- تېلېۋىزىيىسىنىڭ تارقاتقان ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، پاكىستان پرېزىدېنتى پەرۋىز مۇشەررەپنىڭ -1يانۋار كۈنى پارلامېنت سايلىمى ھەققىدە قارار بېرىشىنىڭ ئالدىدا، پاكىستان ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى پارلامېنت سايلىمىنىڭ كېچىكتۈرۈلۈشى مۇمكىنلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلىغان.

ب ب س نىڭ پاكىستاندا تۇرۇشلۇق مۇخبىرىنىڭ خەۋەردە ئەسكەرتىشىچە، پاكىستان خەلق پارتىيىسىنىڭ رەھبىرى بەنەزىر بۇتتو قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ 19 ياشلىق ئوغلى ئىز باسار بولۇپ مەزكۇر پارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىنى ئۆز ئۈستىگە ئالغان، گەرچە ئۇ سايلام يېشىغا توشمىغان بولسىمۇ، خەلقنىڭ بەنەزىرنىڭ ئۆلۈمى تۈپەيلى كۈچەيگەن قوللاش ئاۋازى بىلەن ئۇنىڭ يۇقىرى ئاۋازغا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى دەپ قارايدىكەن. دەل مۇشۇ سەۋەبتىن مۇشەررەپ ھاكىمىيىتىدىكى پاكىستان ھۆكۈمىتى پارلامېنت سايلىمى ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈش ئارقىلىق خەلقنىڭ ھېسداشلىق تۈپەيلى خەلق پارتىيىسىگە كۆپلەپ بېلەت تاشلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىۋاتقان بولۇشى مۇمكىن.

مەلۇم بولۇشىچە، بەنەزىر بۇتتو قەستلەپ ئۆلتۈرۈلگەندىن بۇيان،پاكىستان پارلامېنت سايلىمى بىلەت تاشلاش ئورۇنلىرىدىن ئون نەچچىسى غەزەپلەنگەن ئاممىنىڭ بۇزۇپ چېقىشىدا ۋەيران بولغان. (گۈلچېھرە)