نېپال دالاي لامانىڭ كاتماندۇدىكى ئىشخانىسىنى تاقىدى

نېپال ھۆكۈمىتى تىبەتلەرنىڭ روھانى داھىسى دالاي لامانىڭ نېپال پايتەختى كاتماندۇدىكى ئىككى ئىشخانىسىنى تاقىغان.

تىبەت خەۋەر مەنبەئەلىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، نېپال ھۆكۈمىتى دالاي لامانىڭ كاتماندۇدىكى ۋەكىلىنىڭ ئىشخانىسى بىلەن تىبەت مۇھاجىرلار پاراۋانلىق ئىشخانىسىنى تاقىغان. فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تىبەت مۇھاجىرلار پاراۋانلىق ئىشخانىسىدىكى خادىملار، كاتماندۇدىكى تىبەت پاراۋانلىق ئىشخانىسى نېپال ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇيرۇقى بويىچە تاقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كاتماندۇدىكى تىبەت مۇساپىرلار پاراۋانلىق ئىشخانىسى نېپالدىكى 20 مىڭدىن ئارتۇق تىبەتلىكنىڭ پاراۋانلىق خىزمىتىگە مەسئۇل بولۇپ كەلگەن.1959 - يىلدىكى تىبەت قوزغىلىڭىدىن كېيىن جەنۇبىي ئاسىيادىكى ھىندىستان، نېپال قاتارلىق دۆلەتلەرگە قېچىپ چىققان تىبەت مۇساپىرلىرىنىڭ سانى 100 مىڭدىن ئاشقان ئىدى.

خىتاينىڭ نېپالدىكى باش ئەلچىخانىسى يېقىنقى يىللاردىن بېرى، تىبەتلەرنىڭ نېپالدىكى مۇساپىرلار ئىشخانىلىرىنى تاقاش توغرىسىدا كاتماندۇ ھۆكۈمىتىگە قاتتىق بېسىپ ئىشلىتىپ كەلگەن. خىتاينىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويۇشتىن ئەنسىرىگەن نەپال ، بېيجىڭ دائىرىلىرىنىڭ تىبەتكە ئىگىلىك ھوقۇق يۈرگۈزۈشىنى ئېتىراپ قىلغان.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرقىلىشىچە، نېپال ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر تاشقىي ئىشلار ئەمەلدارى، مەزكۇر دۆلەتتىكى تىبەت ئىشخانىلىرىنىڭ نېپال قانۇنلىرى بويىچە تىزىمغا ئېلىنمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كاتماندۇدىكى تىبەت مۇساپىرلار پاراۋانلىق ئىشخانىسى، ھىمالايا تاغلىرىدىن ئۆتۈپ دالاي لامانىڭ شىمالى ھىندىستاندىكى قارارگاھىغا بارىدىغان تىبەت مۇساپىرلار ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلاتتى. نېپالغا قېچىپ چىققان تىبەتلەر، ب د ت مۇساپىرلار ئىدارىسىنىڭ تونۇشتۇرۇش قەغىزىگە ئېرشىپ، بۇ يەردىن دارامسالاغا كېتەتتى. . (ئەركىن)