ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ، ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان دىپلومات ئۈستىدىكى ماجىراسى داۋام قىلماقتا

ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغان ياپونىيە دىپلوماتى ئۈستىدىكى ماجرا ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ھازىرغىچە داۋام قىلماقتا. ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى 1‏-نويابىر يەكشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمىغانلىقىنى ئەيىبلىدى.

ياپونىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى باياناتىدا، ياپونىيىنىڭ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بۇ دىپلوماتنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىشىدىكى سەۋەبنىڭ خىزمەت بېسىمىنىڭ ئېغىرلىغىدىن بولغان دېيىشىگە قارشى چىقىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، "بۇ دىپلوماتىمىزنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسىدە، بىز ئىشىنىمىزكى، خىتاي بىخەتەرلىك خادىملىرى كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان ھەرىكەت قوللاندى" دەپ كۆرسەتكەن.

ياپونىيە دائىرىلىرى ئۆتكەن ھەپتە، شاڭخەيدىكى بىر نەپەر دىپلوماتىنىڭ بۇ يىل 5‏-ئايدا يۈز بەرگەن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسىدە خىتاينى ئەيىبلەپ، خىتاي ئاخبارات ئورۇنلىرى بۇ كىشىنى ياپونىيىگە ئائىت مەخپىي ھۆججەتلەرنى بېرىشكە قىستىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئەمما خىتاينىڭ ياپونىيىدە تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىسى 31‏- دېكابىر كۈنى تور بېتىدە بايانات ئېلان قىلىپ، ياپونىيە دىپلوماتىنىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسىدىن كېيىن، ياپونىيە بىلەن خىتاينىڭ كۆپ قېتىم بۇ ھەقتە سۆھبەتلەشكەنلىكىنى ھەمدە ياپونىيىنىڭ خىتايغا بۇ دىپلوماتنىڭ خىزمەت بېسىمى سەۋەبىدىن مۇشۇنداق قىلغان دەپ چۈشەندۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

ياپونىيە دائىرىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ دىپلومات ئۆلۈۋېلىشتىن بۇرۇن قالدۇرغان خېتىدە، ئىلگىرى ئۇنىڭ شاڭخەيدىكى بىر كارا ok ناخشىخانىسىدىكى ئايال مۇلازىمەتچى بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبىدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇشۇنى باھانى قىلىپ ئۇنىڭغا تەھدىت ئىشلەتكەنلىكىنى يازغان. (پەرىدە)