ئاقسۇدا روزىدارلارنىڭ روزىسىنى بۇزۇش ياكى روزا تۇتۇشقا ئىمكان قويماسلىق ئۈچۈن ئاھالىلەر مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىنغان

0:00 / 0:00

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر ئېلىدە رامىزان مەزگىلىدىمۇ ئاھالىلەرنىڭ كوللېكتىپ ئەمگەككە سېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى سىن كۆرۈنۈشلىرى تارقالماقتا. بەزىدە ئېتىز-ئېرىق ئىشلىرىغا، بەزىدە تازىلىق ئىشلىرىغا سېلىنىۋاتقان بۇ كۆرۈنۈشلەردە، بۇ ئەمگەكلەرنىڭ ئىقتىسادىي قىممەت يارىتىشتىن كۆپرەك ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىش مەقسەتلىك ئىكەنلىكى بايقالماقتا. مۇخبىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا ئاقسۇدا ئاھالىلەرنىڭ مەخپىي ھالدا تۇتقان روزىلىرىنى بۇزۇش ۋە ئۇلارغا روزا تۇتۇش پۇرسىتى بەرمەسلىك ئۈچۈن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇلارنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن «دويىن» غا چىققان بىر خەۋەردە رامىزاننىڭ 2 ‏-كۈنى خوتەندە ئاھالىلەرنىڭ ئېرىق-ئۆستەڭ قۇرۇلۇشىنىڭ رېمونت ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى كۆرسىتىلگەن؛ رامىزاننىڭ 7‏-كۈنىدىكى بىر ئۇچۇردا، ئاھالىلەرنىڭ كوللېكتىپ ھالدا كوچا ۋە قورۇلارنى تازىلاۋاتقانلىقى خەۋەر قىلىنغان. ئۇچۇرلاردا ئەمگەك بولۇۋاتقان ئورۇننىڭ نامى ۋە بۇ ئەمگەكنىڭ رامىزاندىن ئىبارەت دەم ئېلىش تەلەپ قىلىنىدىغان بۇ كۈنلەردە ئېلىپ بېرىلىشىنىڭ زۆرۈرىيىتى ھەققىدە ھېچقانداق سۆز ياكى ئىزاھات بېرىلمىگەن.

بىز ئۇيغۇر ئېلىنىڭ رامىزان ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، ئاقسۇنىڭ ئونسۇ ناھىيەسىدىكى ئالاقىدار خادىملارغا تېلېفون قىلدۇق.

ئونسۇ ناھىيە بازارلىق ھۆكۈمەتنىڭ بىر ئاھالىلەر كومىتېتى خادىمى، نۆۋەتتە، يەنى رامىزان باشلانغاندىن بۇيان ئاھالىلەرنىڭ كوللېكتىپ ھالدا تازىلىق ئەمگىكىگە سېلىنىۋاتقانلىقى ۋە ئەمگەك داۋامىدا ئاھالىلەر ئۆزلىرىنىڭ قورۇ ۋە مەھەللىرىنى تازىلاۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئاقسۇ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، دائىرىلەر كىشىلەرنى روزا تۇتقۇزماسلىق، يوشۇرۇن تۇتقانلارنىڭ روزىسىنى بۇزدۇرۇش ئۈچۈن رامىزان مەزگىلىدە مەجبۇرىي ئەمگەك سالغان. بۇ ئەمگەكلەر پۈتۈنلەي زۆرۈرىيەتسىز ئەمگەكلەر بولغاچقا، ئاھالىلەردە نارازىلىق پەيدا قىلغان، ئەمما كۆپىنچىسى نارازىلىقىنى ئىپادىلەشكە جاسارەت قىلالمىغان. بىز شايار ناھىيەسىدىكى بىر كەنت ساقچىسىغا تېلېفون قىلىپ، بۇ ئىنكاسنىڭ توغرا-خاتالىقىنى سورىدۇق. مەزكۇر ساقچى خادىمى، ئاھالىلەرنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن نارازى ئىكەنلىكىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا بۇ ئەمگەكنىڭ ئۇلار ئۈچۈن پايدىلىق ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ خادىمنىڭ دېيىشىچە، شايار ناھىيە بازىرى ئىچىدىكى گۈلباغ كوچا باشقارمىسىدىكى ئاھالىلەر، باغ-ۋاران ۋە ھويلا-قورۇلىرىنى تازىلاش ۋە تەرتىپكە سېلىش ئىشلىرى بىلەن مەشغۇل ئىكەن. بۇ خادىم، شايار ناھىيەسىدە مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ 2014 ‏-يىلدىن بۇيان ئازايغان» لىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش داۋامىدا، بۇ ناھىيەدە ئاھالىلەرنىڭ نۆۋەتتە يىلىغا 60-70 كۈن ھەقسىز ئىشلەيدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار كىشىنىڭ ئىنكاسىدا يەنە دېيىلىشىچە، بۇ يىل رامىزان كىرگەندىن بۇيان يېزىدا سىياسىي ئۆگىنىش يىغىنلىرىمۇ توختاپ قالمىغان. بۇ يىغىن بەزىدە ئەتىگەن زوھور ۋاقتى ياكى كەچ ئىپتار ۋاقتىغا كەلتۈرۈلگەن، بەزىدە ئەمگەك مەيدانىدىكى قىسقا دەم ئېلىش پۇرسەتلىرىدە، پارتىيە-ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار ھۆججەتلىرى تەشۋىق قىلىنغان. ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى، رامىزان مەزگىلىدىكى بۇ مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەقسىتى، ئاھالىلەرنىڭ ئىدىيە ۋە كەيپىياتىنى كۆزىتىش ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ئەمگەك مەيدانىدىكى ماغدۇرسىزلىقلىرى ۋە تېزلا چارچاپ قېلىشلىرى، ئەمگەك جەريانىدا ھېچقانداق بىر يېمەك-ئىچمەككە ئېغىز تەگمەسلىكى، ئۇنىڭ ئىدىيەسىدە مەسىلە بارلىقىنىڭ، يەنى روزا تۇتقانلىقى ۋە بىرقانچە يىلدىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان «دىنىي ئەسەبىيلىكتىن قۇتۇلۇش» تەربىيەسىنىڭ يوقالمىغانلىقىنىڭ بىر ئىسپاتى ئىكەن.