تۈرك دۇنياسى ئاياللىرى يىغىنىدا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا دوكلات بېرىلدى
2024.12.06
نويابىرنىڭ 28-29-كۈنلىرى سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ گىرنە شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرك دۇنياسى ئاياللىرى مۇزاكىرە يىغىنىدا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا دوكلات بېرىلدى.
بۇ يىغىنغا تۈركىيە، ئۆزبېكىستان، ئەزەربەيجان، قازاقىستانلاردىن كەلگەن 100 دىن ئارتۇق ئايال قاتناشتى. ئۇيغۇرلارغا ۋەكىل بولۇپ، ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتى تىل-ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى، دوكتور رائىلە كاشغەرىي ۋە شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىسىنىڭ سابىق رەئىسى ئەسەر ساكا خانىملار تەكلىپ بىلەن قاتناشتى.
يىغىندا رائىلە كاشغەرىي خانىم «شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسان ھەقلىرى» دېگەن تېمىدا دوكلات بېرىپ، شەرقىي تۈركىستاندا مەسىلىنىڭ يالغۇز ئاياللار مەسىلىسى ئەمەسلىكىنى، ئۇيغۇر ئاياللىرى ئەلۋەتتە ئېغىر زىيانكەشلىككە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ئەمما ئاياللاردىن سىرت يەنە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە پۈتۈن ئىنسانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندىچىلىككە، ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى ئەرسىن تاتار ئەپەندى يىغىننىڭ ئېچىلىش سۆزىدە، سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتىنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئاياللار مۇزاكىرە يىغىنىغا ساھىبخانىلىق قىلغانلىقىدىن پەخىرلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىرگە، ئوتتۇرا ئاسىيادىن قىيىن شارائىتلار ئاستىدا ئاتلارغا مىنىپ غەرب تەرەپكە كەلگەن ۋە تارىختا بىر قانچە دۆلەت قۇرغان ئەرلەرگە ئاياللارنىڭ كۈچ بەرگەنلىكىنى تەكىتلەپ: «خانىم-قىزلىرىمىز كۈچلۈك بولسۇن، تۈرك دۇنياسى بىرلىكى خانىم قىزلىرىمىزغا كۈچ بولسۇن» دېدى.
ئۇ سۆزىدە تاتار، تۈرك ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت، سەنئەت ۋە ئىلمىي مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كېرەكلىكىنى كۆرسىتىپ، ئىلگىرى سىياسىي ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئايرىلىپ كەتكەن مۇھەببەت رىشتىسىنىڭ مۇستەھكەملىنىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
تۈرك دۇنياسى ئاياللار مۇزاكىرە يىغىنى «ئۇماي ئانا تۈرك دۇنياسى ئاياللار بىرلىكى» نىڭ تەشكىللىشى ۋە بۇ بىرلىكنىڭ ئورتاقلىرى بولغان «سىپرۇس ئىگىلىك تىكلىگۈچى تۈرك ئاياللار بىرلىكى»، «تۈرك ئايال ئاكادېمىكلار جەمئىيىتى»، «ئىستانبۇل گېدىك ئۇنىۋېرسىتېتى»، «ئۆزبېكىستان مەدەنىيەت ئىتتىپاقلىقى ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى»، «شەرقىي ئاق دېڭىز ئۇنىۋېرسىتېتى ئاياللار تەتقىقات ۋە مائارىپ مەركىزى»، «ئاكاپۇلكو مېھمانخانىسى» نىڭ ھەمكارلىشىشى بىلەن ئېچىلدى.
ئىگىلىشىمىزچە، بۇ يىغىندا تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ۋەكىللەر تۈرك دۇنياسى ئاياللىرى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلىلەر، شۇنداقلا ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى، جەمئىيەتتىكى ۋە دۆلەتتىكى رولىنى قانداق جارى قىلدۇرۇش ھەققىدە سۆز قىلغان ھەم مۇزاكىرە ئېلىپ بارغان؛ ئۇلار يەنە ئوخشىمىغان دۆلەت ۋە رايونلاردىكى تۈرك ئاياللىرىنىڭ ئۆزئارا تونۇشۇشى، بىر-بىرىنى چۈشىنىشى كېرەكلىكىنى بىردەك تەكىتلىگەن.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان رائىلە كاشغەرىي خانىم بۇ يىغىندا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىنسانلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ 2017-يىلىدىن باشلاپ ئەر-ئايال ۋە بالىلارنىڭ ئوخشىمىغان شەكىلدە خورلۇققا، ھەتتا ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ياشاش ۋە مەۋجۇتلۇقىنى ساقلاش ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.
رائىلە كاشغەرىي خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يىغىنغا قاتناشقۇچىلار ئۇيغۇرلارنىڭ شۇنچىۋالا ئېغىر دەرىجىدە خورلىنىۋاتقانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەيران قالغان ۋە ئۇيغۇرلارغا قىزىقىپ، خىتاينىڭ ئاتالمىش «يېڭى يىپەك يولى» بىلەن ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم سېلىشنىڭ قانداق مۇناسىۋىتى بار دېگەندەك سوئاللارنى سورىغان.
رائىلە خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ يىغىندا تۈركىي مىللەت ئاياللىرىنىڭ مەسىلىلىرى قاتارىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ خىتايدا سىستېمىلىق ھۇجۇمغا ئۇچراۋاتقانلىقى مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان ۋە مۇزاكىرە قىلىنغان بولۇپ، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ھازىر يەنە قانداق قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئېنىقلاپ چىقىش تەكىتلەنگەن. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار بىردەك، ئوتتۇرا ئاسىيانى بۇنىڭدىن كېيىن تۈركىستان دەپ ئاتاشتا بىردەكلىككە كەلگەن.
ئىككى كۈن داۋام قىلغان يىغىننىڭ ئاخىرىدا يىغىننىڭ خۇلاسە دوكلاتى ئېلان قىلىندى. دوكلاتنى «ئۇماي ئانا تۈرك دۇنياسى ئاياللار بىرلىكى» نىڭ رەئىسى، پىروفېسسور دوكتور مۇئەللا ئۇيدۇ يۈجەل خانىم ئوقۇپ ئۆتتى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىندا تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان خەلقلەر توغرىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. ئۇلارنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنى ئاڭلىتىشقا ۋە ئاڭلاپ چۈشىنىشكە تىرىشتۇق. تۈركلەرنىڭ شانلىق بايراقلىرى لەپىلدىگەن ئالتاي تاغلىرىدىن تۇناغىچە، كاۋكاز تاغلىرىدىن بالقانلارغىچە پۈتۈن دىيارلارغا سالام يوللايمىز».
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پىروفېسسور دوكتور مۇئەللا ئۇيدۇ يۈجەل خانىم مۇنداق دېدى:» تۈرك دۇنياسى ئاياللار مۇزاكىرە يىغىنى، شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئاياللارغا ئاڭلىتىشقا ۋاسىتە بولدى، ئەلۋەتتە شەرقىي تۈركىستان بىز ئۈچۈن مۇھىم، ۋىجدانلار قاينىماس، كۆزلەر كۆرمەس بولغان بىر زاماندا، كىشىلىك ھوقۇقلار چەيلىنىۋاتقان، قېرىنداشلىرىمىز ئېغىر قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئاتا ۋەتىنىمىز شەرقىي تۈركىستان ئۈچۈن نېمە قىلىش كېرەك بولسا بىز ئىمكانىيىتىمىزنىڭ يېتىشىچە شۇنى قىلىشقا تەييار، بۇ مەسىلىدە قانچىلىك كۆپ جامائەت پىكرى پەيدا قىلالىساق، ئۇنى شۇنچىلىك كۆپ كۈنتەرتىپكە كەلتۈرەلەيمىز؛ بۇنىڭ ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمىز، بۇ ھەق دەۋايىمىزنى خەلقئارا جامائەتنىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. شەرقىي تۈركىستان ئەلۋەتتە بىر كۈنى تارىختىكىگە ئوخشاش مۇستەقىللىققا ئېرىشىدۇ، بىز شۇ مۇستەقىل بولغان كۈن ئۈچۈن ئالدىن تەييارلىق قىلىشىمىز كېرەك».