ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرىنىڭ قولى، يەنە بىر ئوقۇغۇچىنىڭ باش قىسىمى بىر قەدەر ئېغىر زەخمىلەنگەن. مەكتەپ مەمۇرىيىتى ۋەقەنى تەكشۈرمەكتە ئىكەن. لېكىن مەكتەپ ۋە ساقچى تەرەپ رادىئومىزغا مەزكۇر ۋەقە توغرىسىدا توختىلىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چىڭداۋدىكى خۇڭداۋ شۆبە مەكتىپىدە ئوقۇيدىغان 4 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن تاياق يېيىش ۋەقەسى، 11 - ئاينىڭ 30 - كۈنى مەكتەپ ئەتراپىدىكى چاڭجياڭ يولىغا جايلاشقان بىر ماگىزىندا يۈز بەرگەن. شۇ كۈنى بېيجىڭ ۋاقتى بىلەن سائەت 6:30 لاردا نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ يۆتكەش ۋە ساقلاش فاكۇلتېتىدا ئوقۇيدىغان 2008 - يىللىقتىكى 5 نەپەر ئوقۇغۇچى نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىش ئۈچۈن بازارغا چىققان بولۇپ، بۇ جەرياندا ئەتراپتىكى " ئامازون" ئېلېكتىر سايمانلار دۇكىنىغا تېلېفون باتارىيىسى ئالماقچى بولۇپ كىرسە، پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلار تەرىپىدىن قورشىۋېلىنغان. ئوقۇغۇچىلارنىڭ شىكايىتىگە ئاساسلانغاندا ۋەقەنىڭ جەريانى مۇنداق يۈز بېرىدۇ.
ئوقۇغۇچىلار تېلېفون باتارىيىسى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئامازون ئېلېكتىر سايمانلار دۇكىنىغا كېتىۋاتسا كەينىگە " پايلاقچى" كىرىۋالغانلىقىنى بايقايدۇ. تەشۋىش ئىچىدىكى ئوقۇغۇچىلار يېقىن ئەتراپتىكى ئامازون دۇكىنىغا كىرىپ پىركازچىك بىلەن تېلېفون باتارىيىسى سېتىۋېلىشنى سۆزلىشىۋاتسا، ئەتراپىدا 10 - 15 نەپەر پايلاقچىنىڭ توپلىشىۋالغانلىقىنى كۆرۈپ، دېلو مەلۇم قىلىش تېلېفونى 110 غا تېلېفون بەرگەن. ئۇلار تېلېفوننى قويا - قويماي پايلاقچىلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېنىغا كېلىپ، ئۇلار بىلەن مېڭىشىنى ئېيتقان. ئوقۇغۇچىلار پايلاقچىلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ، ساقچىغا خەۋەر قىلغانلىقىنى، ساقچى كەلگەنگە قەدەر ھېچ يەرگە بارمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. پايلاقچىلار بولسا ساقچى كىنىشكىسىنى چىقىرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ساقچى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان شۇنداقلا ئۇيغۇر بالىلارنىڭ "بىز ئوقۇغۇچى"، دېگىنىگە قارىماي، ئۇلارنى يەرگە باسقان.
ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۇيغۇر تور بەتلىرىدە ئېلان قىلىنغان ۋەقە توغرىسىدىكى شىكايەت خېتىدە پايلاقچىلارنىڭ ئۆزلىرىنى ناھايىتى رەھىمسىزلىك بىلەن ئۇرغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئۇلار،ۋەقە جەريانىدا ئەتراپىغا ئادەملەرنىڭ توپلىشىپ كەتكەنلىكى، ئاغىز - بۇرۇنلىرىنىڭ قانغا مىلىۋېتىلگەنلىكى، پايلاقچىلارنىڭ بىرىنىڭ پاشنىسى بىلەن جاپپار ئىسىملىك ئوقۇغۇچىنى دەسسىگەنلىكى، نۇرى، ئالىم، ئىليار ئىسىملىك بالىلارنىڭ ئاغىز - بۇرنى قان قىلىۋېتىلگەنلىكى، پايلاقچىلارنىڭ يەنە ئۆزلىرىنى دۇكان سىرتىغا ئېلىپ چىقىپ داۋاملىق ئۇرغانلىقى، تاياقنىڭ 15 مىنۇت داۋاملاشقانلىقىنى، ئاخىرىدا ئۆزلىرىنى ساقچى ماشىنىسى بىلەن ئەتراپتىكى بىر ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىپ، " ئەمدى كەتسەڭلار بولىدۇ" دەپ قويۇپ بېرىلگەنلىكىنى يازىدۇ.
چىڭداۋدىكى مەلۇم بىر ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىر ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچىسى ۋەقە توغرىسىدا رادىئومىزغا تۆۋەندىكى بايانلاردا بولدى.
ۋەقەدىن كېيىن بۇ ئىشقا مەكتەپ دائىرىلىرى ئارىلاشقان بولۇپ، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن سەۋەبسىز تاياق يېگەنلىكىنى سۈرۈشتۈرگەن، ئوقۇغۇچىلارنى دوختۇرخانىغا ئاپىرىش، داۋالاش راسخودىنى ساقچىخانا چىقىرىشنى تەلەپ قىلغان.
تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە جاپپارنىڭ ئوڭ قولىنىڭ جەينەك سۆڭىكى سۇنغانلىقى، نۇرىنىڭ ئېغىز ۋە قۇلاق بوشلۇقى زەخمىلەنگەنلىكى، ئوقۇغۇچىلاردا مېڭە سىلكىنىش ئالامىتى كۆرۈلگەنلىكى مەلۇم بولغان. بىز ساقچى تەرەپ ۋە مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەقە توغرىسىدىكى كۆز قارىشىنى ئېلىش ئۈچۈن جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە چىڭداۋ جاڭجياڭ يولى ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ھەر ئىككى ئورگاندىكى مۇناسىۋەتلىك دائىرىلەر سوئاللىرىمىزغا جاۋاپ بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.
چىڭداۋ جاڭجياڭ يولى ساقچىخانىسىدىكى كەچلىك دىجورنى خادىم، بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلمىدى، لېكىن ئۆزىنىڭ بۇ ۋەقە توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىشقا قادىر ئەمەسلىكىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ": بۇ ۋەقەدىكى خەلق ساقچىسى ھازىر ئىشلىمەيدۇ. ھازىر بەك كەچ بولۇپ كەتتى. مېنىڭ دېمەكچى بولغۇنۇم سىز تېلېفون نومۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويسىڭىز بىز ئەتە سىز بىلەن ئالاقىلاشساق، دەيمەن. بۇ دېگەنلىك بۇ دېلونى بىز بىر تەرەپ قىلىۋاتىمىز دېگەنلىك ئەمەس. چۈنكى بىزنىڭ قولىمىزدا نۇرغۇن دېلو بار. بۇنى ئوخشىمىغان كىشىلەر بېجىرىدۇ."
مەزكۇر دىجورنى خادىم مۇخبىرىمىزنىڭ "بۇ دېلو سىلەرنىڭ تەۋەلىكىڭلاردا يۈز بەرگەن. ۋەقەگە مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر سىلەرنىڭ ساقچىخانىدىكى خادىملار، ساقچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇشتىكى سەۋەب نېمە ؟" دېگەن سوئالىغا بۇ دېلونى ئۆزىنىڭ بېجىرمەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ،" مەن سىزگە دەپ قوياي، بۇ ئىشنى مەن بىر تەرەپ قىلمايمەن. ئەگەر سىز ئالاقىلىشىش تېلېفون نومۇرىڭىزنى قويۇپ قويسىڭىز، مەن باشلىقلارغا يەتكۈزۈمەن. ئەگەر سىز تەپسىلى ئەھۋالىنى ئۇقىمەن دېسىڭىز ئۇلار سىزگە جاۋاپ بېرەلەيدۇ،" دەپ كۆرسەتتى.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا ۋەقە يۈز بەرگەن شۇ كۈنى تاياق يېگەن ئوقۇغۇچىلار، نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشما رەئىسى ۋاڭ، مەكتەپنىڭ ئېتنىك مىللەت ئوقۇغۇچىلار ئاپتونومىيە ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى ھاكى قاتارلىقلار ساقچىخانا باشلىقى دىڭ ۋە سىياسى يېتەكچى جاڭلار بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن بولۇپ، ساقچىخانا تەرەپ چوڭقۇر كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى، تېگىشلىك تۆلەم بولسا ھەممىنى تۆلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يىغىندا ئوقۇغۇچىلار يۈز بەرگەن ئىشلارنى ۋەقە ئورنىدا بىر تەرەپ قىلىش، ساقچى تەرەپنىڭ گېزىت يۈزىدە ئاشكارە كەچۈرۈم سورىشىنى، جاۋابكارلارنىڭ " قانۇننى بىلىپ تۇرۇپ، ئادەم زەخمىلەندۈرگەنلىك" نامىدا خىزمىتىنى توختىتىش ... قاتارلىق تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. لېكىن ساقچى تەرەپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بۇ تەلەپلىرىنى رەت قىلىپلا قالماي، مەكتەپ تەرەپنىڭ مەسىلىنى " مۇمكىن قەدەر كىچىك كۆلەمدە ھەل قىلىش " توغرىسىدىكى بېسىمىغا دۇچ كەلگەن. چىڭداۋدىكى مەلۇم ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ يۇقىرىقى ئۇيغۇر قىز ئوقۇغۇچىسى، مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ بۇ ۋەقەگە تۇتقان پوزىتسىيىسى توغرىسىدا بىزگە بىلگەنلىرىنى سۆزلەپ بەردى.
30 - نويابىردىكى ۋەقەدە تاياق يېگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىر قىسىمى قارىمايلىق، يەنە بىر قىسىمى پوسكاملىق ئوقۇغۇچىلار بولۇپ، ئۇلار يېقىندا ئوقۇش باشلىغان يېڭى ئوقۇغۇچىلار ئىدى. تاياق يېگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى، ساقچىخانا باشلىقىنىڭ مەكتەپ دائىرىلىرىغا بەرگەن ۋەقە توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشىنى "بۇ مېنىڭ ئۆمرۈمدە كۆرگەن ئەڭ قىسقا ۋە ئەڭ كەسكىن چۈشەندۈرۈش بولدى،" دەپ يازىدۇ. چىڭداۋنىڭ جاڭجياڭ يولى ساقچىخانىسىنىڭ دىڭ فامىلىلىك باشلىقى پايلاقچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇش سەۋەبىنى مۇنداق چۈشەندۈرگەن:" بىز بىر قىزنىڭ ' تېلېفونۇم يۈتۈپ كەتتى، دەپ مەلۇم قىلغان دېلوسىنى تاپشۇرۇپ ئالغان. شۇ رايوندىكى ياردەمچى ساقچىلار بۇ ئوقۇغۇچىلارنى خاتا تونۇپ قېلىپ، قول سېلىپ قويۇپتۇ."
بىز جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى دائىرىلىرىنىڭ بۇ مەسىلىدىكى مەيدانىنى بىلىش ئۈچۈن مەكتەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، لېكىن ئۇلار بۇ ۋەقە توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلدى. مۇخبىرىمىزغا ئۆزىنىڭ بۇ ۋەقەدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش ئىشلار باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى ليۇ يەنسوڭ، "مەن بۇ ۋەقەنى قىلچىمۇ بىلمەيدىكەنمەن. سىز ھازىر دېگەن ۋەقە ئەگەر 30 - چىسلالاردا يۈز بەرگەن بولسا، مەن تازا بىلمەيدىكەنمەن،" دەپ جاۋاپ بەردى. ئۇ، بۇ تۈردىكى ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىغا مەكتەپنىڭ قايسى ئورنى ياكى رەھبىرى مەسئۇللىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزغا مۇنداق دەيدۇ: " ناھايىتى ئەپسۇس، مەن سىزگە بۇ جەھەتتىكى مەلۇماتلارنى بېرەلمەيمەن."
ئىچكىرىدىكى ساقچىلارنىڭ ئادەتتىكى تىجارەتچى ياكى ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خارلاش ياكى ئۇرۇش ۋەقەسى كۆپ يۈز بېرىدىغان ئەھۋاللار بولسىمۇ، لېكىن 30 - نويابىر كۈنى چىڭداۋدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە ساقچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرغانلىقىغا دائىر كۆپ ئۇچراتقىلى بولمايدىغان ئەھۋاللارنىڭ بىرىدۇر.