لېكىن مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ پوزىتسىيىسى ئالدى بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى داۋالىتىش، ئاندىن مەسىلىنى شۇ چاغدىكى ئەھۋالغا قاراپ بىر تەرەپ قىلىشتۇر.
چىڭداۋ شەھىرىنىڭ چاڭجياڭ يولى ساقچىخانىسى تەۋەلىكىدىكى رايوندا ۋەزىپە ئۆتەيدىغان ساقچىلارنىڭ30" - نويابىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرۇش ۋەقەسى"نى سۈرۈشتۈرۈش، جاۋابكارلارنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىدە ھازىرغا قەدەر ئىلگىرىلەش بولمىدى. دەۋاگەر تەرەپ مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنى سۈرۈشتۈرۈشكە ۋەدە بەرگەنلىكىنى، مەكتەپنىڭ جاۋابىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى، مەكتەپ مەسىلىنى سۈرۈشتۈرۈپ مەلۇم بىر نەتىجىگە بارماي تۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ بۇ توغرىدا پىكىر بايان قىلالمايدىغانلىقىنى، پۈتۈن ئۈمىدىنىڭ مەكتەپ دائىرىلىرىدە قالغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. مەكتەپ تەرەپ بولسا ئوقۇغۇچىلارغا ئالدى بىلەن ياخشى داۋالىنىشنى، مەسىلىنى ئوقۇغۇچىلارنىڭ يارىسى ساقايغاندا بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆڭلىنى تىنجىتىشكە تىرىشماقتا ئىكەن.
بىز جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىغا تېلېفون قىلىپ، ۋەقەنىڭ تەرەققىياتىنى سورىغان بولساقمۇ، لېكىن مەكتەپنىڭ رەھبەرلىك قاتلىمىدىكى زاتلارنىڭ ھېچ بىرى ۋەقە توغرىسىدا پىكىر بايان قىلىشنى خالىمىدى. مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ چىڭ فامىلىلىك بۆلۈم باشلىقى بولسا بۇ ئىشلارغا ئوقۇغۇچىلار خىزمىتى باشقارمىسىدىكى مىنەۋەر ئىسىملىك ئۇيغۇر خانىمنىڭ مەسئۇل بولغانلىقىنى، ئۇنىڭ سۇئاللىرىمىزغا جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، مىنەۋەر خانىمغا تېلېفون قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلدى.
مىنەۋەر خانىم بولسا ھازىرقى ئەڭ مۇھىم مەسىلە ئوقۇغۇچىلارنى داۋالاش ئىكەنلىكىنى، قالغان ئىشلار كېيىنرەك ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەلىپىگە كۆرە بىر تەرەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. " لېكىن ھازىر بالىلار يارىسىنى ساقايتىپ بولغاندىن كېيىن مەكتەپكە تەلەپ يازماقچى. ئاشۇ تەلەپكە ئاساسەن مەكتەپ چاڭجياڭ يولى ساقچىخانىسى بىلەن سۆزلىشىدۇ. بالىلارنى ساقچىلار ئۇرمىغان، بالىلارنى ئۇرغانلار ساقچىلار ياللىغان ئامانلىقنى ساقلىغۇچىلار، شۇلار ئۇرغان ئوخشايدۇ. بالىلارنىڭ ئۆز ئالدىغا تەلىپى بار. بالىلارنىڭ تەلىپىنى مەن سىزگە دەپ بەرسەم بولمايدۇ. ئۇنىڭ ئاخىرىسى چىققاندا ئاندىن سىزگە جاۋاب بېرەلەيمەن.... مەكتەپ مەسىلىنى پۈتۈنلەي بالىلارنىڭ ئارزۇسى، ئۇلارنىڭ تەلىپى بۇيىچە ھەل قىلماقچى.... ھازىر بالىلار ماڭا ئۆزلىرىنىڭ تەلىپىنى تېخى بەرمىدى.... قاراڭ بۇ ئىشنىڭ ئاخىرى چىقمىدى. بۇ يەردە مەن سىزگە ئۇنى - بۇنى دەپ كۆپ گەپ قىلسام بولمايدۇ."
چىڭداۋ ساقچىلىرى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئۇرغان 30 - نويابىردىكى ۋەقە، چىڭداۋ شەھىرىنىڭ چاڭجياڭ يولىدىكى ئامازون ئېلېكتىر سايمانلار دۇكىنىدا يۈز بەرگەن بولۇپ، شۇ چاغدا جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ چىڭداۋدىكى خۇاڭداۋ شۆبە مەكتىپىدە ئوقۇيدىغان 2008 - يىللىقتىكى 5 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى نەرسە - كېرەك سېتىۋېلىشقا چىققان ۋە تېلېفون باتارىيىسى سېتىۋېلىش ئۈچۈن ئامازون ئېلېكتىر سايلاملار دۇكىنىغا كىرگەن ئىدى.
تاياق يىگۈچىلەر ئېلان قىلغان ۋەقە توغرىسىدىكى بايانلاردا چاسنىي كىيىملىك ساقچىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى سەۋەبسىز ئۇرغانلىقى، ئوقۇغۇچى كىنىشكىسىنى چىقارغان بولسىمۇ، لېكىن ساقچىلارنىڭ بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىغانلىقى، ئەتراپتىكى تاماشىبىنلارنىڭ " شىنجاڭلىق ئوغرىلار"دېگەن مەسخىرىسىگە قالغانلىقى، ۋەقەدە 2 ئوقۇغۇچىنىڭ بىر قەدەر ئېغىر يارىلانغانلىقى، ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىلغاندىن كېيىن "ئەمدى كەتسەڭلار بولىدۇ " دەپ قويۇپ بېرىلگەنلىكى يېزىلغان ئىدى. مەكتەپ ئامازون ئېلېكتىر سايمانلار دۇكىنىدا يۈز بەرگەن 30 - نويابىردىكى بۇ ۋەقەگە ئارىلاشقان بولۇپ، ساقچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلارنى كېلىشتۈرۈشكە تىرىشقان. ساقچىلار ئەپۇ سورايدىغانلىقىنى، داۋالاش چىقىمىنى كۆتۈرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن ئوقۇغۇچىلارنىڭ گېزىت يۈزىدە ئەپۇ سوراش، ۋەقە تۇغدۇرغۇچىلارنى خىزمىتىدىن قوغلاش ھەققىدىكى تەلەپلىرىنى رەت قىلغان.
لېكىن چىڭداۋ چاڭجياڭ يولى ساقچىخانا دائىرىلىرىنىڭ 30 - نويابىردا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە توغرىسىدىكى چۈشەندۈرۈشى زىددىيەتلىك بولۇپ، ساقچىخانىدىكى بەزى خادىملار ۋەقەنىڭ راستلىقىنى ئېتىراپ قىلسا، ساقچىخانىدىكى يەنە بەزى مەسئۇللار بۇنداق بىر ۋەقەنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى رەت قىلماقتا.
مۇخبىرىمىزغا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى زەخمىلەندۈرۈش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكىنىڭ راستلىقىنى تەكىتلىگەن چاڭجياڭ يولى ساقچىخانىسىنىڭ بىر كادىرى، " سىز نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنى ئۇرۇش ۋەقەسىنى سورىماقچىمۇسىز ؟ مەن بۇ ۋەقەنى بىلىمەن. سىزنىڭ نىمە ئىشىڭىز بار ئىدى؟ مۇمكىن بولسا تېلېفونىڭىزنى قالدۇرۇپ قويۇڭ. باشلىقىمىز كەلگەندە مەن ئېيتاي سىزگە تېلېفون قايتۇرسۇن. مەن ۋەقەنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالىنى، كونكرېت زادى نىمە ئىشلار يۈز بەرگەنلىكىنى بىلمەيمەن. لېكىن مەن مۇشۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى بىلىمەن. مەن سىزگە مۇشۇنچىلىكلا، دەپ بېرەلەيمەن .... مەن بۇ دىلوغا مەسئۇل بولمىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ ئۇجۇر - بۇجۇرىنى بىلمەيمەن - دە " دەپ كۆرسەتتى.
لېكىن ساقچىخانىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان يەنە بىر مەسئۇلى بولسا ساقچىخانا تەۋەلىكىدىكى رايوندا بۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەنلىكىنى ئىنكار قىلماقتا. يۇقىرىقى ساقچىخانا مەسئۇلى مۇنداق دەيدۇ": بىز بۇنداق بىر دېلونى تاپشۇرۇۋالمىدۇق، بۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەرگەن ئەمەس. بۇنداق ئىش يۈز بېرىپ باقمىدى. بىز سىز دېگەن بۇنداق بىر دېلونى تاپشۇرۇپ ئالمىدۇق .... ئىنكار قىلغانلىقىمىز ئەمەس. بۇ دېگەن ئەمەلىيەت .... ئەگەر سىز بۇنى بىلسىڭىز بىزدىن سوراپ نىمە قىلىسىز؟ مەن سىزگە دېدىمغۇ، بۇنداق ۋەقە يۈز بەرمىدى دېگەندىن كېيىن يۈز بەرمىدى. بۇ دېگەنلىك بۇ توغرىدا پىكىر بايان قىلىنمايدۇ دېگەنلىكتۇر."
لېكىن بۇ ۋەقەگە ئارىلىشىۋاتقان جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرىنىڭ دېگىنى، يۇقىرىقى ساقچىخانا مەسئۇلىنىڭ ئېيتقانلىرىغا پۈتۈنلەي زىت. جۇڭگو نېفىت ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى مىللىي ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ بىر مەسئۇلى، نۆۋەتتىكى ئەھۋالدا ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ مەسىلىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدىغانلىقىغا قاراۋاتقانلىقىنى، مەكتەپنىڭ جاۋابىنى كۈتمەي بۇ ئىش توغرىسىدا مەلۇم يەكۈندە بولۇشنىڭ توغرا بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ،" بۇ ئىشنى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ نەتىجىسى چىققىچە ئېھتىمال ھەر بىر شەخسنىڭ باشقىچە كۆز قاراش بىلەن سىرتقا يۈزلىنىشى ئەپ بولماسلىقى مۇمكىن. چۈنكى قانداقلا بولمىسۇن مەكتەپ بىز ئۈچۈن ئالدىغا چىقىپ خىزمەت ئىشلەۋاتىدۇ. مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى ھەل قىلىۋاتىدۇ. بۇنداق بولغاندىن كېيىن مەكتەپ ئاۋال مەكتەپنىڭ قىلغان ئىشلىرىغا قاراپ بېقىشىمىزنى تەلەپ قىلىۋاتىدۇ.... مېنى ساقچىلار بىلەن تاياق يىگەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەتكە قاتناشقۇچىلارنىڭ بىرى، دېيىشكە بولىدۇ. ساقچىلار بىلەن ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت توغرىسىدا مېنىڭ بۇ يەردە ئارتۇقچە سۆزلىشىم بىئەپ بولۇشى مۇمكىن ...." دەيدۇ.
چىڭداۋدا يۈز بەرگەن بۇ ۋەقە دۇنيا كىشىلىك ھوقۇقى كۈنى يېتىپ كېلەي، دېگەن ناھايىتى نازۇك بىر مەزگىلدە يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەنى يېقىندىن كۆزىتىۋاتقان چەتئەلدىكى بەزى كۆزەتكۈچىلەر، ۋەقەنىڭ مىللىي كەمسىتىشكە ياتىدىغان سەزگۈر تەرىپى بارلىقىنى، مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ۋەقەنىڭ كېڭىيىپ كېتىشىنى توساش، ئوقۇغۇچىلارنى جىددىي داۋالاپ، ئۇلارنى خاتىرجەم قىلىش، بۇ جەرياندا ۋاقىتنى كەينىگە سۈرۈپ ئوقۇغۇچىلارنىڭ غەزىپى پەسەيگەندە يېنىك بىر تەرەپ قىلىش ياكى ئۇنتۇلدۇرۇشنى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن، دەپ قاراشماقتا.