تايلاندتىن خىتايغا قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ھەققىدە مەتبۇئاتلاردىكى ئىنكاسلار

0:00 / 0:00

27-فېۋرال تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 11 يىلدىن بۇيان تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا قايتۇرغانلىقى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، گېرمانىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە بۇ خۇسۇستا كۆپلىگەن خەۋەر ۋە ماقالىلەر ئېلان قىلىندى.

گېرمانىيەدە نەشىردىن چىقىدىغان «ئەينەك» ژۇرنىلى ئېلان قىلغان «تايلاند 40 نەپەر ئۇيغۇرنى خىتايغا يولغا سالدى» ناملىق ماقالىنىڭ مۇقەددىمىسىدە، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ سىستېمىلىق باستۇرۇشلىرىغا ئۇچراپ كېلىۋاتقان بىر خەلق ئىكەنلىكى، بەزى دۆلەتلەرنىڭ بۇنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئاتىغانلىقى، فىرانسىيە پارلامېنتىنىڭمۇ 2022-يىلى ئوخشاش مەزمۇندا قارار ئالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.

ماقالىدە مۇنداق بايانلارغا ئورۇن بېرىلگەن: «تايلاندنىڭ پارلامېنت ئەزاسى كانناۋى سۇبساڭ ئۆزىنىڭ X ھېسابىدا مۇنداق يازغان: ‹تايلاند ھۆكۈمىتى نېمە قىلىۋاتىدۇ؟ باش مىنىستىر چوقۇم خەلقىگە جىددىي جاۋاب بېرىشى كېرەك. يەنىمۇ كۆپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىماسلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار قايتۇرۇلماسلىقى كېرەك ئىدى. ئۇلار 11 يىلدىن بۇيان تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلدى. بىز ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقىغا يەتكۈچە زىيانكەشلىك قىلدۇق. باشقا ياخشىراق چارە تېپىلىپمۇ قالاتتى».

گېرمانىيەنىڭ خەۋەرلەر قانىلى بولغان «NTV» دا 28-فېۋرال ئېلان قىلىنغان «تايلاند قاتتىق تەنقىدكە ئۇچرىماقتا: ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى دۇنيانىڭ غەزىپىنى قوزغىدى» ناملىق خەۋەردە بايان قىلىشىچە، گېرمانىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىمۇ ئىنكاس بىلدۈرۈپ، «فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىمىز تايلاندنىڭ بۇ قارارىنى قاتتىق ئەيىبلەيدۇ. بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنى قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشقا ھەمدە ئۇلارنى قوغداشقا چاقىرىمىز» دېگەن.

خەۋەردە تىلغا ئېلىشىچە، ئەنگىلىيە تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى داۋىد لاممىيمۇ تايلاندنىڭ بۇ قارارىنى ئەيىبلىگەن ۋە قاتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئىستىقبالىغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، «بۈيۈك بىرىتانىيە بۇ گۇرۇپپىنىڭ (ئۇيغۇرلارنىڭ) كىشىلىك ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىدۇ» دېگەن.

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئالىي كومىسسارى ۋولكېر تۈرك: «ئۇيغۇرلارنىڭ مەجبۇرىي ھالدا قايتۇرۇلۇشى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى ۋە ئۆلچەملىرىگە قىلىنغان روشەن ئاسىيلىق» دېگەن. ب د ت مۇساپىرلار ئالىي مەھكىمىسى بولسا، ئۆزلىرىنىڭ قاتتىق ئەپسۇسلانغانلىقىنى ئىپادە قىلىپ، تايلاند ھۆكۈمىتىنى بۇ خىلدىكى مەجبۇرىي قايتۇرۇشلارغا خاتىمە بېرىشكە چاقىرغان.

40 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىقىدىن ئەڭ قاتتىق ئازابلانغان ۋە غەزەپلەنگەنلەر مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار بولۇپ، گېرمانىيەدىكى جامائەت ئەربابى ئابلىمىت تۇرسۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە قاراشلىرىنى ئىپادە قىلىپ ئۆتتى.

«گېرمانىيە ئاۋازى» رادىيوسى 28-فېۋرال ئېلان قىلغان «بىر بۆلۈك ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلۇشى خەلقئارالىق تەنقىد پەيدا قىلدى» ناملىق خەۋەر ۋە «بازار ئۇچۇرلىرى» گېزىتى ئېلان قىلغان «مۇئاۋىن باش مىنىستىر ‹ئۇيغۇرلارنى قايتۇرغانلىقى ئۈچۈن، تايلاند ماختىلىشى كېرەك› دېدى» ناملىق خەۋەرلەردە تايلاند ھەمدە خىتاينىڭ ئىنكاسلىرىغىمۇ ئورۇن بېرىلگەن. خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن 28-فېۋرال مۇخبىرلارنىڭ 40 نەپەر ئۇيغۇرنىڭ ئىستىقبالى ھەققىدە سورىغان سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەندە، «ھەرقانداق ئاساسسىز ئەيىبلەشلەرگە ۋە ئىچكى ئىشلىرىمىزغا ئارىلىشىشقا قەتئىي قارشى تۇرىمىز» دېگەن.

مەلۇم بولغىنىدەك، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ماركو روبىيو 27-فېۋرال بۇ خۇسۇستىكى سۆزلىرىدە «خىتاي، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كۆرسەتمىسى ۋە كونتروللۇقىدا شىنجاڭدىكى ئاساسلىق خەلق بولغان مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ۋە باشقا ئېتنىك ھەم دىنىي ئاز سانلىق گۇرۇپپىلارغا ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەم ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت سادىر قىلماقتا» دېگەن ئىبارىلەرنى قوللانغان بولۇپ، خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى لىن جيەن بۇنىڭغا «بۇ ئەسىرنىڭ ھەممىگە ئايان يالغانچىلىقى» دەپ جاۋاب بەرگەن.

گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ۋەلى تۇرسۇن ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، قانداقلا بولمىسۇن، تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ 11 يىلدىن بۇيان ئۆز تۈرمىسىدە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان 40 نەپەر ئۇيغۇرنى 27-فېۋرال خىتايغا قايتۇرۇشى تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ئوبرازىغا ئېغىر داغ چۈشۈرۈش بىلەن بىرگە، غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ھېلىھەم ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى يەنە بىر قېتىم كۈنتەرتىپكە ئېلىپ چىققان.

تايلاندنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى پۇمتام ۋېچاياچاي (Phumtham Wechayachai) بولسا ئۇيغۇرلارنى يۇرتىغا قايتۇرۇش مەسىلىسىنى «بۇ تايلاند ھۆكۈمىتىنىڭ ياخشى نىيەت بىلەن قىلغان ئىشى، ھېچقانداق يامان نىيەت يوق. ئۇلارنىڭ تۇتقۇندىن قۇتۇلۇشى ياخشى ئىش. شۇندىلا ئۇلار ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى بىلەن، ئەر-ئاياللىرى بىلەن، پەرزەنتلىرى بىلەن جەم بولۇپ، نورمال تۇرمۇشىنى ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ» دېگەن. ئۇ يەنە ئۆزلىرىنىڭ بۇ قايتۇرۇلغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىنى داۋاملىق ئىگىلەپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بىراق ئۇ، خىتايغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن بۇ ئۇيغۇرلارنى قانداق پاجىئەلەرنىڭ كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەسەۋۋۇرمۇ قىلىپ باقمىغان.

گوللاندىيەدىكى جازا لاگېرلىرى شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خانىم تايلاندنىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە مۇئاۋىن باش مىنىستىرىنىڭ يۇقىرىقى سۆزلىرىگە رەددىيە بەردى ۋە ئۆز كەچمىشلىرىگە بىنائەن، خىتاينىڭ بۇ ئۇيغۇرلارغا سالىدىغان ئازابلىرىدىن بىئارام بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالدى.