تارىخچى ۋە يەر ناملىرى تەتقىقاتچىسى خوجانىياز يوللۇغ تېكىننىڭ 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەنلىكى دەلىللەندى

0:00 / 0:00

ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى دەۋرلەردە يەر ناملىرى تەتقىقاتىدا كۆزگە كۆرۈنگەن تارىخچىلاردىن بىرى، ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى غوجانىياز يوللۇغ تېكىندۇر. ئىنكاس قىلىنىشىچە، خوجانىياز يوللۇغ تېكىن تەتقىقات ئىشلىرىدىن باشقا، جەمئىيەتتە تارىخ تېمىسىدىكى سۆھبەتلەردە ئاكتىپلىقى ۋە دادىللىقى بىلەنمۇ تونۇلغان بولۇپ، كەسىپداش دوستلىرى تەرىپىدىن «ئاقسۇنىڭ ‹تۇرغۇن ئالماسى› دەپ مەدھىيەلەنگەن ئىكەن. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، خوجانىياز يوللۇغ تېكىننىڭ 17 يىللىق كېسىلگەنلىكى دەلىللەندى.

مەلۇم بولۇشىچە، يېقىنقى دەۋردە ئۇيغۇر تارىخ تەتقىقاتىدا توپونومىيە، يەنى يەر-جاي ناملىرى تەتقىقاتىدا خېلى زور نەتىجىلەر بارلىققا كەلگەن ۋە بەلگىلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىنغان. بۇ ساھەدە كۆزگە كۆرۈنگەن تەتقىقاتچىلارنىڭ بىرى، ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى خوجانىياز يوللۇغ تېكىندۇر. نورۋېگىيەدىكى «ئۇيغۇريار» فوندى رادىيومىزغا تەمىنلىگەن جوجانىيازنىڭ ماقالىلار توپلىمى ھەققىدىكى بىر ئېلېكتىرونلۇق كىتابتا «‹باي› دېگەن يەر نامىنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدا»، «بايقالدىكى تۈركلەر»، «يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇيغۇر ھەربىي ئىشلار ئالىمى-ئارۇف قايا» قاتارلىق 18 پارچە ماقالە يەر ئالغان. مەلۇم بولۇشىچە، بۇ خوجانىياز يوللۇغ تېكىننىڭ تەتقىقات ماقالىلىرىنىڭ نۆۋەتتە تورلاردا ساقلىنىپ قالغان بىر قىسمىلا ئىكەن. خوجانىياز يوللۇغ تېكىننىڭ مۇھاجىرەتتىكى دوستلىرىدىن بىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ 1980‏-يىللارنىڭ ئاخىرىدا «ئاقسۇ گېزىتى» دە ئېلان قىلىنغان «شەرقى تۈركىستان، غەربى تۈركىستان ۋە تۇران ئۇقۇمى» ناملىق ماقالىسى بىلەن جەمئىيەتتە زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان. تەتقىقاتچى ئابدۇۋەلى ئايۇپ تەييارلىغان تۇتقۇندىكى زىيالىيلار تىزىملىكىدە خاتىرىلىنىشىچە، خوجانىياز 2017‏-يىلنىڭ ئاخىرى تۇتقۇن قىلىنغان.

خوجانىياز يوللۇغ تېكىننىڭ ھەمكارلاشقان تەتقىقات دوكلاتى ۋە ئۇنىڭ ماقالىلەر توپلىمى.
خوجانىياز يوللۇغ تېكىننىڭ ھەمكارلاشقان تەتقىقات دوكلاتى ۋە ئۇنىڭ ماقالىلەر توپلىمى. (Oqurmen teminligen)

ئاقسۇ مائارىپ ئىنستىتۇتىدىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر خادىم، بۇ مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدا خوجانىياز ئىسىملىك بىرسىنىڭ يوق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىش ئارقىلىق، خوجانىيازنىڭ نۆۋەتتە تۇتقۇندا ئىكەنلىكىدىن بېشارەت بەردى.

خوجانىيازنىڭ ئەينى چاغدىكى دوستلىرىدىن بىرى-نۆۋەتتە كانادادا ياشاۋاتقان پائالىيەتچى تۇيغۇن ئابدۇۋەلىنىڭ بايان قىلىشىچە، خوجانىياز تارىخ تېمىسىدىكى تەتقىقاتلاردىن باشقا، زىيالىيلار سورۇنلىرىدىكى تەشكىلاتچىلىقى، مۇنازىرەلەردىكى ئاكتىپلىقى بىلەنمۇ دىققەت تارتقان.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، تۇرغۇن ئالماس، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، نىزامىدىن ھۈسەيىن ۋە ئابدۇللا تالىپ قاتارلىق پېشۋالارنى يوقلاش، كۈتۈۋېلىش ۋە ئۇلارنى كىتابخانلار بىلەن ئۇچراشتۇرۇش، ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ھاياتىنىڭ مۇھىم بىر قىسمىنى تەشكىل قىلىدىكەن. تۇيغۇن ئابدۇۋەلىمۇ، خوجانىيازنىڭ ئەينى يىللاردا «شەرقى تۈركىستان ۋە غەربى تۈركىستان» تېمىسىدىكى ماقالىسى سەۋەبلىك چوڭ شان-شەرەپكە ئېرىشكەنلىكى ھەمدە خىتاي دۆلەت خەۋپسىزلىك خادىملىرىنىڭ ئىزچىل ئاۋارىچىلىكىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىدۇ.

ئۇنىڭ دېيىشىچە، خوجانىياز مەزكۇر ماقالىسى سەۋەبلىك ئەينى چاغدا بىر مەزگىل خىزمەتتىن توختىتىلغان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، خوجانىياز مانا مۇشۇ تارىخىي تېمىدىكى ماقالىسى، بولۇپمۇ سەزگۈر تارىخىي تېمىلاردىكى دادىل بايانلىرى سەۋەبلىك كەسىپداش دوستلىرى ئارىسىدا «ئاقسۇنىڭ تۇرغۇن ئالماسى» دەپ مەدھىيەلەنگەن.

ئاقسۇ ۋەزىيىتىدىن خەۋەردار كىشىلەردىن بىرىنىڭ ئىنكاس قىلىشىچە، 1990-يىللاردىن ئېتىبارەن، كۈپ قېتىملاپ سوراق قىلىنغان ۋە تۇتۇپ قويۇپ بېرىلگەن خوجانىياز يوللۇغ تېكىن، تەتقىقاتىدىن ۋاز كەچمىگەنلىكى ۋە تارىخ ھەققىدە ھەقنى سۆزلەشتىن توختىمىغانلىقى ئۈچۈن، 2018-لاگېردىكى مەزگىلىدە«جاھىل بۆلگۈنچى» دەپ تەنقىد قىلىنغان، 2018‏-يىلىنىڭ ئاخىرى 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەن.

خوجانىيازنىڭ مۇھاجىرەتتىكى دوستلىرىدىن نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان سەمەت ئابلا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خوجانىياز ئاقسۇنىڭ ئۇچتۇرپان ناھىيەسىدىندۇر. ئۇچتۇرپاندىن تېلېفونىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر يېزىلىق ساقچى خادىمى، خوجانىيازنىڭ 17 يىللىق كېسىلگەنلىكى ۋە نۆۋەتتە خوتەندىكى بىر تۈرمىدە جازا ئۆتەۋاتقانلىقىنى دەلىللىدى.