ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ قىسقا دولقۇندىكى ئاڭلىتىشى ھازىر خىتايدا يېتەكچى ئاۋاز بولۇپ قالدى

ۋاشىنگتون تايمىس گېزىتىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئامېرىكا رادىئو ئىدارىسى ئېلىپ بارغان مۇستەقىل تەتقىقاتلار ئارقىلىق ئىسپاتلىنىشىچە، ب ب س، فرانسىيە رادىئوسى، ئامېرىكا ئاۋازى قاتارلىق رادىئو ئىستانسىلىرىنىڭ خىتايغا قاراتقان قىسقا دولقۇندىكى ئاڭلىتىشى توختىتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىنى ئىنتېرنېتتىكى تور رادىئولىرى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئەركىن ئاسىيا رادىئو ئىستانسىسىنىڭ قىسقا دولقۇندىكى ئاڭلىتىشى خىتايدا يېتەكچى ئاۋاز بولۇپ قالدى.
مۇخبىرىمىز ۋەلى
2011.04.11

تېد لىپېننىڭ تەكشۈرۈپ-تەتقىق قىلىش دوكلاتىدا ئېيتىلىشىچە، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ ئاڭلىتىش تارىخى ئامېرىكا ئاۋازىدەك ئۇزۇن ۋە تېخى مەشھۇر بولمىسىمۇ، ئەمما خىتاي ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ قىسقا دولقۇندىكى ئاڭلىتىشلىرى، بولۇپمۇ خىتايغا دائىر خەلقئارالىق مەسىلىلەر ھەققىدىكى مۇلاھىزىلىرى ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشكەن، ئەمما خىتاي بۇنىڭغا ئەڭ كۆپ توسقۇنلۇق قىلىپ كەلگەن ئىدى.

شۇڭلاشقا ئامېرىكا رادىئو ئىدارىسى يېقىندا، ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ خىتايغا قاراتقان ئاڭلىتىشلىرىنى، بولۇپمۇ قىسقا دولقۇندىكى ئاڭلىتىشلىرىنى قايتىدىن تەڭشەپ كۈچەيتتى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.