قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپ دائىرىلىرى خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى ئىبراھىم داۋۇتنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلدى
2024.12.20

قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پېنسىيەگە چىققان خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى ئىبراھىم داۋۇتنىڭ 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى تۇتقۇن جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر، ئۇنى يېقىندىن بىلىدىغان ياۋروپادىكى بىر خانىم تەرىپىدىن 18-دېكابىر رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلۈمىگە يەتكۈزۈلگەنىدى. ئىلگىرىلەپ ئەھۋال ئىگىلەش جەريانىدا، قەشقەر 6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئىنتىزام تەكشۈرۈش ئىشخانىسىنىڭ خىتاي خادىمى، ئىبراھىم داۋۇت ھەققىدە سورىغان سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ، ئۇنىڭ بىرقانچە يىل ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەنلىكىنى، ئەمما ئۆلۈم سەۋەبىنى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي خادىم مۇنداق دېدى: «ئىبراھىم داۋۇتنى دەمسىز؟ ئۇ ئۆلۈپ كەتكىلى بىرقانچە يىل بولدى. مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇ ئۆلۈپ كەتتى. ئەمما نېمە سەۋەبتىن ئۆلۈپ كەتكەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمەيمەن. چۈنكى ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ تەپسىلاتى مەكتەپكە ئۇقتۇرۇلمىدى. بىز ئادەتتە بۇنداق ئىشلارغا بىۋاسىتە ئارىلاشمايمىز.»
بۇ خادىم يەنە ئۆزىنىڭ ئىبراھىم داۋۇتنى تونۇيدىغانلىقىنى، ئەمما ئىبراھىم داۋۇتنىڭ پېنسىيەگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىنكى ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى:
«ئۇنى تونۇيمەن، ئۇ پېنسىيەگە چىقىپ كەتكىلىمۇ خېلى يىللار بولدى. ئۇ پېنسىيەگە چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ بىلەن بىۋاسىتە ئالاقىمىز ئاز بولدى. شۇڭا ئۇنىڭ ئەھۋالى بىزگە ئېنىقسىز. ھاياتىدا كونكرېت قانداق ئەھۋاللار يۈز بەردى؟ بۇنىمۇ بىلمەيمىز. مەن بۇ ئەھۋاللارنى سىزگە دەپ بېرەلمەيمەن. مەندە ئۇنىڭ ئۆلۈمىنىڭ سەۋەبى ھەققىدە كونكرېت بىر نەرسىمۇ يوق. شۇڭا بۇ ئەھۋاللار ھەققىدە سىزگە مەلۇمات بېرەلمەيمەن.»
بۇ خىتاي خادىم سۆزىنى داۋام قىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: «پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئۇ ئاساسەن ئۆيىدە بولدى. شۇڭا سىز بىۋاسىتە ئەھۋال ئىگىلەيمەن دېسىڭىز ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەردىن سورىسىڭىز بولىدۇ. سىز ھازىر مەندىن مەن بىلمەيدىغان ئىشلارنى سوراۋاتىسىز. سىز بۇ ئىشلارنى سوراپ نېمە قىلىسىز؟ سىز مەندىن شۇنداق كۆپ ئەھۋاللارنى سوراۋاتىسىز. ئەمما بۇ مەسىلىلەرگە مەن جاۋاب بېرىشكە ئامالسىز. سىز مەكتىپىمىزنىڭ ئۇنىڭ ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىدىغىنىمىزنى سوراۋاتىسىز. ئەمما ئۇنىڭ پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنكى ئەھۋالىدىن مەلۇماتىمىز يوق. ئەگەر ئەھۋالنىڭ تەپسىلاتىنى بىلمەكچى بولسىڭىز ئۇنىڭ ئائىلىسىدىن ياكى باشقا يوللار ئارقىلىق ئەھۋال ئىگىلىسىڭىز بولىدۇ.»
ھالبۇكى، ھازىرچە ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق تەلىپى بىلەن رادىيومىزغا ئىبراھىم داۋۇتنىڭ ئەھۋالىنى مەلۇم قىلغان خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 6-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ خىمىيە ئوقۇتقۇچىسى ئىبراھىم داۋۇت 2016-يىلى مۇددەتتىن بۇرۇن پېنسىيەگە چىققان بولۇپ، ئۇنىڭ پېنسىيەگە چىقىپ كېتىشىمۇ، ئۇنىڭ «قوش تىللىق مائارىپ» نامىدىكى خىتايچە ئوقۇتۇشىغا بولغان نارازىلىقى سەۋەبىدىن دەپ قارالغان. ئىبراھىم داۋۇت 2016-يىلى پېنسىيەگە چىقىپ، تاكى 2019-يىلى 10-ئاينىڭ 6-كۈنى سوراق جەريانىدا ئۆلۈپ كەتكەنگە قەدەر، ئاز دېگەندىمۇ 4-5 قېتىم تۇتقۇن قىلىنىپ سوراق قىلىنغانىكەن.
بۇ خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىبراھىم داۋۇتنىڭ ئۆيى قەشقەرنىڭ ئۆستەڭبويى ساقچىخانىسىنىڭ باشقۇرۇش تەۋەلىكىدە بولۇپ، بۇ رايون قەشقەردە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئەڭ قاتتىق ئېلىنىدىغان رايونلارنىڭ بىرى ئىكەن.
ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىبراھىم داۋۇتنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، ئۇنىڭ بالىلىرى ۋە باشقا ئۇرۇق تۇغقانلىرى قاتتىق نازارەت ۋە تۇتقۇنغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئىبراھىم داۋۇتنىڭ ئۆلۈش سەۋەبىگە مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇچۇرلار قاتتىق كونترول قىلىنغانىكەن.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.