تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇلدا چوڭ يەر تەۋرەش يۈز بېرىپ، ئاھالىلەر ئارىسىدا ئۆلۈش كېلىپ چىقمىغان
تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ۋە سودا مەركىزى بولغان ئىستانبۇلدا چارشەنبە كۈنى كۆپ قېتىم يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ يەر تەۋرەشنىڭ تەسىر كۈچى ھەتتا پايتەخت ئەنقەرەگىمۇ يېتىپ بارغان.
-
ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئالىم سېيتوف تەييارلىدى
2025-04-23 -
-
-
تۈركىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى ۋە سودا مەركىزى بولغان ئىستانبۇلدا چارشەنبە كۈنى كۆپ قېتىم يەر تەۋرەش يۈز بەرگەن بولۇپ، بۇ يەر تەۋرەشنىڭ تەسىر كۈچى ھەتتا پايتەخت ئەنقەرەگىمۇ يېتىپ بارغان. چارشەنبە كۈنى ئىستانبۇلدا چۈشتىكى يەر تەۋرەش ئەڭ كۈچلۈك بولۇپ، ئۇنىڭ دەرىجىسى 6.2 دەرىجىگە يېتىپ بارغان. ئىستانبۇلدىكى ئېگىز بىنالار بۇ يەر تەۋرەشتە قاتتىق سىلكىنگەن بولسىمۇ، ئەمما بىنالاردا ئۆرۈلۈش بولمىغان.
ئەنگىلىيە BBC تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە قارىغاندا، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشنىڭ مەرگىزى تۈركىيەنىڭ مارمارا دېڭىزىغا توغرا كەلگەن بولۇپ، ئۇ ئىستانبۇلغا پەقەت 80 كىلومېتر كېلىدىكەن. ئىستانبۇل ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر شەھەردە چارشەنبە كۈنى ئالدى-كەينى بولۇپ 50 قېتىمدىن ئارتۇق يەر تەۋرىگەن. ئىستانبۇل ھۆكۈمەت دائىرلىرى ھازىرچە بۇ يەر تەۋرەشتە ھېچ كىمنىڭ قازا تاپمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، پەقەت 151 كىشىنىڭ بىنالاردىن سەكرەپ زەخىمىلەنگەنلىكىنى دېگەن.
ئەنگىلىيە BBC تېلېۋىزىيەسىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، ئىستانبۇلدىكى پۇقرالار بۇ 6.2 دەرىجىدىكى يەر تەۋرەشنى يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەر تەۋرەش دەپ ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتىپ، بۇندىن كېيىن تېخىمۇ چوڭ يەر تەۋرەش مۇمكىنچىلىكى بارلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىستانبۇلدىكى ئاھالىلەر يەر تەۋرەش يۈز بەرگەندىن كېيىنلا بىنالاردىن قېچىپ چىقىپ ئۆزىنى دالدىغا ئالغان. سېلىم ئۇستائوگلۇ دېگەن بىر ئوقۇغۇچى BBC گە ئۆزىنىڭ پەقەت بىر قانچە مۇھىم نەرسىلىرىنى ئېلىپلا بىنادىن قېچىپ چىققانلىقى ۋە تاكى كەچكىچە قايتمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. كوچ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي پەنلەر پروفېسسورى سېلۋا دېمىرئالپنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار ئېگىز بىنادا تۇرىدىغانلىقى ئۈچۈن يەر تەۋرىگەندە بەكلا چۆچۈپ كەتكەن، ئەمما ھازىر بىخەتەر ئىكەن.
ئىستانبۇل ھۆكۈمەت دائىرلىرى بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەشتە بىنالارنىڭ كۆزگە كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىمىغانلىقىنى بىلدۈرسىمۇ، ئەمما ياۋرۇپا تەرەپتىكى فاتىھ رايونىدىكى بىر تاشلاندۇق بىنانىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەنلىكىنى ئېيتقان. ئىستانبۇل تۈركىيەدىكى نوپۇسى ئەڭ كۆپ شەھەر بولۇپ، تۈركىيە نوپۇسىنىڭ 5 تىن 1 ى بولغان 16 مىليون ئاھالە بۇ تارىخىي شەھەردە ياشايدۇ. تۈركىيەنىڭ جۇغراپىيىسى يەر تەۋرەش بەلۋېغىدا جايلاشقانلىقى ئۈچۈن چوڭ يەر تەۋرەشلەر داۋاملىق بولۇپ تۇرىدۇ. 2023 - يىلى تۈركىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا يۈز بەرگەن چوڭ يەر تەۋرەشتە 55000 دىن ئارتۇق ئادەم قازا تاپقان ئىدى.