رابىيە قادىر خانىم يېڭى يىل مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكەن يىل ۋە يېڭى بىر يىل ھەققىدە توختالدى

0:00 / 0:00

31- دېكابىر كۈنى كەچتە ئۆتكۈزۈلگەن يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش مۇراسىمدا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم نۇتۇق سۆزلەپ، ۋەتەن ئىچى-سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ يېڭى يىلى ھەم قۇربان ھېيتىنى تەبرىكلىدى شۇنىڭدەك بارلىق ئۇيغۇرلارنى ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش ئارقىلىق ئۆز ھوقۇقلىرىنى قولغا كەلتۈرۈشكە چاقىردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدىمۇ ئوخشاش بىر كۈندە يېڭى يىل نۇتقى ئېلان قىلغان بولۇپ، تەڭرى تاغ تۆرىدىكى مەلۇماتتىن قارىغاندا، ئۆتكەن بىر يىلنىڭ نەتىجىلىرىنى مەدھىيىلىگەن ئىسمائىل تىلىۋالدى 2007-يىلى بۆلگۈنچىلىك پائالىيەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشنى تەلەپ قىلغان. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆز كۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.