0:00 / 0:00
مۇستاپا چوقاي 20 - ئەسىرنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدا كۆتۈرۈلگەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىستان ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ مۇنەۋۋەر رەھبەرلىرىنىڭ بىرىدۇر. ئۇ 1920 - يىللاردا تۈركىستان مۇختارىيەت جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەغلۇبىيىدىن كېيىن، ھاياتىنىڭ كېيىنكى قىسىمىنى غەرب ئەللىرىدە ۋە تۈركىيىدە تۈركىستان داۋاسىنى قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن.
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مۇتەپەككۈرى ئىبراھىم ۋاسىلى 1950 - يىللاردا مىسىردا چىقىدىغان " تۈركىستان ئاۋازى" ژورنىلىدا مۇستاپا چوقاي ھەققىدە ماقالىلار يازغان ئىدى.
يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن، سەئۇدى ئەرەبىستاندىكى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئۈمەرجان توختىنىڭ، ئىبراھىم ۋاسىلىنىڭ قەلىمىدىكى مۇستافا چوقاي توغرىسىدا بەرگەن مەلۇماتىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىز.