پاكىستاننىڭ سابىق باش مىنىستىرى، بەنەزىر بۇتتونىڭ، ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى راۋالپىندى شەھىرىدە، بىر سۈيىقەست نەتىجىسىدە ئۆلتۈرۈلۈشى، غەرب دۆلەتلىرى ۋە مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ دىققىتىنىڭ قايتىدىن پاكىستان يادرو قوراللىرىنىڭ بىخەتەرلىك مەسىلسىگە بۇرۇلۇشىغا سەۋەب بولدى. گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى فرانك ۋالتەر شتاين مايەر ۋە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ بەزى ئەزالىرى، ئەگەر بەنەزىر بوتو نىڭ ئۆلتۈرۈلۈشىدىن كېيىن، پاكىستاندا باشلانغان سىياسىي كرىزىس تېخىمۇ جىددىلەشسە، بۇ دۆلىتىنىڭ يادرو قوراللىرىنىڭ رادىكال گۇرۇپپىلارنىڭ قولغا چۈشۈپ قىلىش خەۋپى بارلىقىنى بايان قىلدى.
گېرمانىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شتايىن مايەر، يەكشەنبە كۈنى، گېرمانىيىدە چىقىدىغان "بىلد ئام سونتاك" گېزىتىگە بەرگەن باياناتىدا، " يادرو قوراللار رادىكال ئىسلامىي گۇرۇپپىلارنىڭ قولغا چۈشۈپ قالماسلىقى كېرەك. گەرچە، پاكىستاندا سىياسىي ۋەزىيەت كەسكىنلەشكەن بولسىمۇ، ھازىرغىچە، بۇنداق بىر خەۋپنىڭ بارلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر ئالامەت مەۋجۇت ئەمەس، ئەمما ۋەزىيەت تېخىمۇ جىددىلەشسە، بۇنداق بىر خەۋپنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىش ئېھىتماللىقى بار" دېگەن.
ئامېرىكىدىكى بەزى سىياسىيونلار، پاكىستان يادرو قوراللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ھەققىدە جىددىي ئەندىشىلىرى بارلىقىنى تەكىتلەۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما پاكىستان يادرو قوراللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى يېقىندىن كۈزىتىۋاتقان ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىكى، نۆۋەتتە، پاكىستان ئارمىيىسىنىڭ قاتتىق كونتروللىقىدىكى يادرو قوراللارنىڭ بىخەتەر ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.
پاكىستان، يادرو قوراللىرىغا ئىگە دۇنيادىكى بىردىن بىر مۇسۇلمان دۆلەت بولۇپ، پاكىستان يادرو قوراللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ۋە بۇ قوراللارنىڭ رادىكال دىنىي گۇرۇپپىلارنىڭ قولغا چۈشۈپ قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئامېرىكا ۋە غەرب دۆلەتلىرى بولۇپمۇ 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، ئەڭ كۆپ كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەلقائىدە تەشكىلاتى ۋە بۇ تەشكىلاتنىڭ رەئىسى، ئۇساما بىن لادىننىڭ ئۇزۇندىن بېرى، يادرو قورال ۋە يادرو تېخنىكىسى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقى ھەققىدە چىقىۋاتقان خەۋەرلەر، غەرب دۆلەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ دىققەت بىلەن قارىشىغا سەۋەب بولدى.
دېگەندەك، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 11- سېنتەبىر تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن كېيىن، پاكىستان يادرو قوراللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن ئالاھىدە بىر ھەرىكەت باشلاتقان بولۇپ، "نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى"نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پرېزىدېنت بۇش ھۆكۈمىتى، ئۆتكەن ئالتە يىل ئىچىدە، يادرو قوراللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش مەسىلسىگە ئىشلىتىش ئۈچۈن پەرۋېز مۇشەررەپ ھۆكۈمىتىگە 100 مىليون دوللار پۇل ياردەم بەرگەن.
لېكىن خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، گەرچە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋەتلىك خادىملىرى، پاكىستان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بايانلىرىغا ئاساسەن، ھازىرچە، پاكىستان يادرو قوراللىرىنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، ھېچقانداق تەھدىتنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، ئەمما پاكىستان دائىرىلىرى، يادرو قوراللارنىڭ قانداق ۋە قايسى يەردە ساقلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئامېرىكا تەرەپكە ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن.
دېمەك، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، پاكىستانغا يادرو قوراللارنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئىشلىتىش ئۈچۈن 100 مىليون دوللاردىن ئارتوق پۇل ياردىمى بەرگەن بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكا، يادرو قوراللارنىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلسىدە فرانسىيە ۋە رۇسىيە بىلەن ئورناتقان تېخنىك ھەمكارلىقىنى، مەۋجۇت قانۇنى چەكلىمىلەر تۈپەيلى تېخى پاكىستان بىلەن ئورنىتالمىغان.
خەۋەرلەرگە قارىغاندا، گەرچە ئامېرىكا ۋە پاكىستان ئىككى ئىتتىپاقداش دۆلەت بولسىمۇ، ئەمما يادرو قوراللار مەسىلسىدە، قانۇنى چەكلىمىلەردىن باشقا يەنە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ئىشەنچسىزلىك مەۋجۇت ئىكەن. پاكىستانلىقلار، ئامېرىكىنىڭ يادرو قوراللارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداش ئۈچۈن پاكىستانغا بەرگەن تېخنىك ياردىمىگە گۇمان بىلەن قارىسا، ئامېرىكىنىڭ بەزى ھۆكۈمەت ئەربابلىرى، پاكىستانغا بۇنداق تېخنىكىنىڭ بېرىلىشى، بۇ دۆلەتنىڭ ئامېرىكىنىڭ يادرو تېخنىكىسى ھەققىدە نۇرغۇن مەلۇماتقا ئىگە بولۇپ كېتىشىگە سەۋەب بولۇشىدىن ئەندىشە قىلىدىكەن. (ئۆمەر قانات)