0:00 / 0:00
يېڭى يىل ھارپىسىدا قازاقىستاندىكى تونۇلغان جەمئىيەت ئەربابى، ئازات ھېكىمبەگ، ئىتالىيىدە ياۋروپا ئاقسۆڭەكلەر كېڭىشى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان تىنچلىق ئالىي ئوردىنىغا ئېرىشتى. بۇ خوش خەۋەر قازاقىستاندۇكى ئۇيغۇرلارنىڭ بايرىمىغا ناھايىتى ھاياجانلىق بىر سوغا بولدى. ئازات ھېكىمبەگ ئەپەندى بۇ مۇناسىۋەت بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ مۇكاپات ھەققىدە توختالدى.