
يېقىنقى يىللاردىن بەرى غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە بەرگەن خەۋەر ماقالىلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھوقۇقلىرىنىڭ خىتاي دائىرلىرى تەرىپىدىن دەپسەندە قىلىنغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ دىنىي ئىبادەت جەھەتتە بوغۇلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتە.
خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدىمۇ 2006 يىلى چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خىتاي ھەققىدىكى مەلۇماتلىرىنىڭ 30دىن 40% گىچە كۆپەيگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن، ئەمما دوكلاتتا چەتئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىدىكى بۇ مەلۇماتلارنىڭ كۆپىنىڭ مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن يېزىلغانلىقى ۋە خىتاينىڭ دۆلەت ئەھۋالىنى چۈشەنمەيدىغان ئادەملەرنىڭ قولىدىن چىققانلىقى شۇنداقلا پۈتۈنلەي ئىجابىي بولمىغان خەۋەرلەرنىڭ كۆپ سالماقنى تەشكىل قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ دىنىي ساھەدىكى ۋەكىلى ھېسابلانغان ئۇيغۇر رايۇنىنىڭ قەشقەردىكى ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى بولغان جۈمە داموللا ھاجى بولسا، غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بەرگەن باياناتلىرىدا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئىسلام دىنىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەۋاتقانلىقى ۋە ئۇيغۇر دىنى زاتلىرىنىڭ ناھايىتى كەڭ دىنىي ئەركىنلىكتىن بەھرىمەن بولىۋاتقانلىقىنى، غەرب ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ بۇ نۇقتىنى نەزەردىن ساقىت قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلىپ كەلمەكتە.
ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى ھەقىقەتەن كەڭ دىنىي ئىمكانىيەتلەردىن يەتكۈچە بەھرىمەن بولىۋاتامدۇ ؟ ئۇيغۇر رايونىدىكى مەزگىلىدە دىنىي ۋە سىياسى پائالىيەتلىرى ئۈچۈن بىرقانچە قېتىم خىتاي تۈرمىلىرىدە ياتقان ئابلەت نۇر ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، جۈمە داموللا ھاجىنىڭ كانادا ئاخبارات ۋاستىلىرىغا بەرگەن "شەرقى تۇركىستان تېررورچىلىرى دۆلەت قۇرۇشنى خام خىيال قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى قۇتراتماقتا، ئۇيغۇرلارنىڭ دۆلىتى بار ئۇ بولسىمۇ، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتىدۇر، مۇسۇلمانلار ئۈچۈن پادىشاھنىڭ ئەمىرى ۋاجىپ، شۇڭا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەمىر پەرمانلىرىغا قەتئى بويسۇنۇشى كېرەك"، دېگەنگە ئوخشاش سۆزلىرى ھەمدە جۈمە داموللا ھاجىنىڭ نەسەبنامىسى ۋە ئائىلە شەجەرىسى، شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بېسىملىرىغا ئۇچرىغان دىنىي زاتلارنىڭ ئىسلامغا يات بولغان سۆزلەرنى تەشۋىق قىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنىڭ سۈكۈت قىلىشى ھەققىدە توختالدى.