بۇش قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋالدى

INAUGURATION_BUSH_OATH_.jpg
ئامېرىكا پرېزىدېنتى بۇش ئايالى ۋە ئىككى قىزى بىلەن ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ باشلىقى ۋىليام رىنكىۋىستنىڭ ئالدىدا قەسەم بەرمەكتە. AFP >>Chongaytip körüng

1- ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتون شەھىرىدە جورجىW بۇشنىڭ ئىككىنچى قېتىم ئامېرىكىنىڭ پرىزدېنتىلىق ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇۋېلىش قەسەميات مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.

جورجىW بۇشنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرۋېلىش قەسەميات مۇراسىمىنىڭ كۈن تەرتىپى ناھايىلىق ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پرىزدېنت بۇش ۋە ئۇنىڭ ئايالى لاۋرا خانىمنىڭ ئاممىۋى پائالىيىتى دىنىي مۇراسىمغا قاتنىشىش بىلەن باشلاندى. دىنىي مۇراسىم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇش ۋە ئايالى دۆلەت مەجلىسى بىناسىنىڭ ئالدىدىكى قەسەم بېرىش مۇراسىمى مەيدانىغا كېلىپ، سەھنىدىن ئورۇن ئالدى.

مەزكۇر مۇراسىم ناھايىتى داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزىلگەن بولۇپ، جورجىW بۇش قەسەم بېرىش نۇتقى سۆزلەشتىن ئىلگىرى مۇناسىۋەتلىك دۆلەت رەھبەرلىرى سۆز قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى سىياسەتلىرى ۋە ھەر ساھە بويىچە قولغا كەلتۈرگەن مۇۋەپپەقەيەتلىرى ھەققىدە توختالدى.

ۋاشىنگتون ۋاقتى سائەت 12 دە جورجىW بۇش سول قولىنى "ئىنجىل"نىڭ ئۈستىگە قويۇپ تۇرۇپ، رەسمى قەسەمياد قىلدى، قەسەمنى ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرى ئالىي سوتىنىڭ باشلىقى ۋىللىئام رەنكۋىست قوبۇل قىلدى. تەخمىنەن بەش مىنۇتقا سوزۇلغان قىسقا ئۆتكۈزىلگەن بۇ قەسەم بېرىشكە ئۇنىڭ ئايالى ۋە قىزلىرىمۇ ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، ھۆرمەت توپلىرى ۋە گۈلدۈراس ئالقىش سادالار ئىچىدە جورجىW بۇشنىڭ ئامېرىكا قوشما شىتاتلىرىنىڭ 43-نۆۋەتلىك پرىزدېنتىلىق ۋەزىپىسىنى يەنە تۆت يىللىق مۆھلەت بىلەن رەسمى تاپشۇرىۋالغانلىقى جاكارلاندى.

بۇشنىڭ نۇتقى ئەركىنلىك مەسىلىلىرىگە قارىتىلغان

US_INAUGURATION_BUSH_33.-200.jpg

ئارقىدىن، پرىزدېنت بۇش رەسمىي ۋەزىپە تاپشۇرىۋېلىش نۇقتى سۆزلىدى. پرىزدېنت بۇشنىڭ نۇتقى ئاساسلىقى ئەركىنلىك مەسىلىلىرىگە قارىتىلغان بولۇپ، ئۇ ئۆز سۆزىدە دېموكراتىيىنى قوللاپ، مۇستەبىت تۈزۈمنى ئاخىرلاشتۇرۇشنىڭ ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى بولۇپ قالىدىغانلىقىنى، تەكىتلەپ مۇنداق دەيدۇ:

"دۇنيادىكى تېچلىققا بولغان ئەڭ ياخشى تىلەك پۈتۈن دۇنيا يۈزىدە ئەركىنلىكىنى كېڭەيتىشتىن ئىبارەت، ئامېرىكىنىڭ سىياسىتى ھەر قايسى مەملىكەتلەر ۋە مەدەنىيەتلەردىكى دېموكراتىك ھەرىكەتلەر ۋە ئىنستىتۇتلارنىڭ تەرەققىياتىنى قوللاش ئارقىلىق ئاخىرقى ھېسابتا دۇنيا يۈزىدە مۇستەبىتلىكنى يوقىتىشتىن ئىبارەت".

پرىزدېنت بۇش ئون نەچچە مىنۇتقا سوزۇلغان قىسقا ئامما ناھايىتى مەزمۇنلۇق مەزكۇر قەسەمياد نۇتقىدا يەنە ئامېرىكىنىڭ ئۆز سىياسىي تۈزۈمىنى باشقا دۆلەتلەرگە مەجبۇرلاپ تاڭمايدىغانلىقىنى ئەمما، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئۆزلىرىگە مۇۋاپىق ئىپادىلەش ئۇسۇلىنى تېپىشىغا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى:

" بۇرۇندىنلا كونترول قىلىش ئادەتلىرىگە ئىگە بولۇپ كەلگەن ھۆكۈمەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى شۇنى بىلىشى لازىمكى، ئۆز ئادەملىرىگە خىزمەت قىلىش ئۈچۈن بىز ئۇلارغا ئىشەنچ قىلىشنى ئۆگۈتىشىمىز كېرەك، ئىلغارلىق ۋە ئادالەت يولىدا قەددىڭلارنى كۆتىرىڭلار، ئامېرىكا سىلەر بىلەن بىرگە"

بۇشنىڭ سۆزى ئامېرىكىنىڭ ئىچكىي سىياسىتىگىمۇ قارىتىلغان

ئۇ ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىچى سىياسىي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، ئۆزىنىڭ ئامېرىكا خەلقىنىڭ ئېھتىياجلىرىنى قامداشنى شۇنىڭدەك ئۇلارغا كېلىۋاتقان تەھدىدلەرنى يوقىتىشنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. شۇنىڭدەك ئامېرىكا خەلقىنى 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىنكىگە ئوخشاشلا ئىتتىپاقلىشىشقا دەۋەت قىلدى.

Bush_inauguration_200.jpg
19-يانۋار، بۇش ئايالى ۋە ئىككى قىزى باربارا (سول) ۋە جېننا (سولدىن 2-) بىلەن ۋاشىنگتوندا. AFP >>Chongaytip körüng

جورجىW بۇش ئۈمىدۋارلىق بىلەن تولغان نۇتقىدا يەنە ئەركىنلىكنىڭ بىر تارىخىي يۆلۈنۈش ئىكەنلىكى، جۈملىدىن ئامېرىكىنىڭ ئەركىنلىك تارىخىدىكى ئەڭ زور مۇۋەپپەقەيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەلەيدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

پرىزدېنت بۇش يەنە ئۆزىنىڭ ئىككىنچى قېتىملىق ۋەزىپە ئۆتەش جەريانىدا ئامېرىكا جەمىيىتىدە ئىجتىمائىي پاراۋانلىق قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلققە پايدىلىق بىر قاتار ئىسلاھاتلارنى ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پرىزدېنتنىڭ ۋەزىپە تاپشۇرىۋېلىش نۇتقى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە

ئامېرىكا پرىزدېنتىنىڭ قەسەم بېرىپ ۋەزىپە تاپشۇرىۋېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈش ھەمدە قەسەمياد نۇتقى سۆزلەش ئامېرىكىنىڭ 1-نۆۋەتلىك پرىزدېنتىدىن ئېتىبارەن ئەنئەنىگە ئايلانغان ئادەت بولۇپ، پرىزدېنتنىڭ نۇتقى ئادەتتە مۇراسىمنى ئەڭ يۇقىرى پەللىگە كۆتىرىدۇ. بۇ نۇتۇقلاردا ئامېرىكىنىڭ ئىچكى ۋە تاشقى سىياسىي يۆلۈنۈشى ئەكىس ئەتتۈرىلگەن بولۇپ، ئامەرىكا تارىخىدىكى مەشھۇر پرىزدېنتلاردىن ۋاشىنگتون، لىنكلون، رۇزۋېلت ، كېننىدي ۋە باشقىلارنىڭ نۇتۇقلىرى ئەينى دەۋرنىڭ دۇنيا ۋە ئامېرىكا ۋەزىيىتى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك بولغان ئىدى.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا بۇشنىڭ بۇ قېتىمقى ۋەزىپە تاپشۇرىۋېلىش مۇراسىم پائالىيىتى ئۈچۈن 40 مىليون ئامېرىكا دوللىرى چىقىم قىلىنغان بولۇپ، ناھايىتى ھەيۋەتلىك ۋە داغدۇغۇلۇق ئۆتكۈزۈلگەن .بۇ قېتىمقى مۇراسىمدا يەنە بىخەتەرلىكنى قوغداش ئىشلىرىغىمۇ يۇقىرى دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلۈنگەن بولۇپ، كۆپلىگەن ساقچى ۋە ھەربىي قىسىملار ھەمدە بىخەتەرلىكنى قوغداش خادىملىرى ئىشقا سېلىنىپ، مۇراسىم پائالىيىتى مەزگىلىدە تۈرلۈك جىنايى ھەرىكەتلەر ۋە تېررورلۇق ھۇجۇملىرىدىن مۇداپىئە كۆرۈش چارىلىرى ئەتراپلىق كۆرۈلگەن.

بەزى مۆلچەرلىنىشلەرگە قارىغاندا پايتەخت ۋاشىنگتون شەھىرىگە كېلىپ، مۇراسىمنى كۆرگۈچىلەرنىڭ سانى 500 مىڭ ئەتراپىدا بولغان . (ئۈمىدۋار)