دۇنيا ئىنسانلىق ھوقۇق خىتاپنامىسى
1948-يىلى 10 -دېكابىردا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئومۇمىي يىغىنىنىڭ 217 نومۇرلىق كۆرسەتـمىسى بويىچە قۇبۇل قىلىنىپ ئېلان قىلىندى
كىرىش سۆز
ئىنسانلار ئائىلىسىدىكى بارلىق ئەزالىرىنىڭ يارالما غۇرۇرى، بارابەرلىكى ۋە ئاجرالماس ھوقۇقلىرىنى ئېتىراپ قىلىش دۇنيادىكى ئەركىنلىك، ئادالەت ۋە تېنچلىقنىڭ ئاساسى دەپ،
ئىنسان ھوقۇقلىرىغا بولغان ئىتىبارسىزلىق، كەمسىتىش، ئىنسانىيەتنىڭ ۋىجدانىدا غەزەب قوزغايدىغان ۋەھشى قىلمىشلارنى كەلتۈرىپ چىقارغان بولسا، سۆز ۋە ئېتىقاد ئەركىنلىكى بار، ۋەھىمە ۋە مۇھتاجلىقتىن خالى بىر دۇنيانىڭ مەيدانغا كېلىشى بارلىق ئىنسانلارنىڭ ئەڭ بۈيۈك ئارزۇسى دەپ جاكالانغانلىقتىن،
ئادەمنى ئامالسىزلىقتىن زۇلۇم ۋە ئېزىلىشكە قارشى ئىسيان كۆتتۈرىشكە مەجبۇرلىماسلىق ئۈچۈن ئىنساننىڭ ھوقۇقى قانۇن تەرىپىدىن قوغدىلىنىشى زۆرۈر دەپ،
دۆلەتلەر ئارىسىدىكى دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرىش زۆرۈر دەپ،
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى خەلقلەر بۇ نىزامنامە ئارقىلىق ئىنسانلارنىڭ ئاساسلىق ھوقۇقلىرى، غۇرۇرى ۋە ئىنسانلىق قەدىر-قىممىتىگە، ھەمدە ئەر-ئاياللارنىڭ ھوقۇقىتا بارابەرلىكىگە بولغان ئېتىقادىنى قايتا ئىزاھلاپ، ئىجتىمائى تەرەققىياتنى ۋە تۇرمۇش سەۋىيەسىنىڭ ياخشىلىنىشىنى تېخىمۇ ئەركىن ھالدا ئىلگىرى سۈرۈشنى قارار قىلغانلىقتىن،
ئەزا بولغان دۆلەتلەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىنسانلىق ھوقۇقى ۋە ئاساسلىق ئەركىنلىككە بولغان ئومۇمىي ئېتىبار ۋە رىئايە قىلىشنى ئالغا سۈرۈشنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرىدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەنلىكتىن،
مۇشۇ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرگە بولغان بىر ئورتاق تونۇشقا كېلىپ، بۇ ۋەدىنى تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرىشتا ئەڭ زور ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قاراپ،
شۇڭا ھازىر،
ئومۇمىي يىغىن،
دۇنيا ئىنسانلىق ھوقۇق خىتاپنامىسىنى پۈتكۈل خەلقلەر ۋە دۆلەتلەر بېجىرىشكە تېگىشلىك بولغان ئورتاق ئۆلچەم دەپ جاكالايدۇ. ھەر بىر شەخس ۋە جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ئورگىنى مەزكۇر خىتاپنامىنى ئىزچىل تۈردە ئەستە چىڭ تۇتۇپ ئۈگىتىش ۋە تەلىم بېرىش ئارقىلىش مۇشۇ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرگە بولغان ئېتىبارنى ئىلگىرى سۈرىپ، دۆلەت ئىچىدە ياكى خەلقئارادا باسقۇچلىق چارىلەرنى قوللىنىپ، بۇ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرنىڭ ئەزا بولغان دۆلەتلەر ئارىسىدا ھەم بۇ دۆلەتلەر تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنغان زىمىندىكى خەلقلەر ئارىسىدا ئۈنۈملىك ھالدا ئومۇمىيۈزلىك تونۇلىشى ۋە ئەمەل قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىشى لازىم.
1 -ماددا
بارلىق ئىنسان ئىززەت-ھۆرمەت ۋە ھوقۇقىدا بارابەر بولۇپ ئەركىن تۇغۇلىدۇ. ئۇلارغا ئەقىل ۋە ۋىجدان ئاتا قىلىنغان بولغاچقا، بىر-بىرىگە قېرىنداشلارچە مۇئامىلىدە بولۇشى كېرەك.
2 -ماددا
ھەر بىر ئادەم ئېرقىي، رەڭگى، جىنسى، تىلى، دىنىي ئېتىقادى، سىياسىي ۋە باشقا كۆز-قاراشلىرى، ياكى دۆلەت ۋە ئىجتىمائى كېلىپ چىقىشى، مال-مۈلكى، توغۇلۇشى ۋە باشقا سالاھەتلىرىنىڭ قانداق بولۇشىدىن قەتئى-نەزەر، پەرقسىز ھالدا بۇ خىتاپنامىدە بەلگىلەنگەن بارلىق ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەرگە ئىگە.
بۇنىڭدىن باشقا، ئىنسانلار ئۆزلىرى مەنسۇپ بولغان مەلىكەت ياكى زىمىننىڭ مەيلى مۇستەقىل دۆلەت، ھاۋالە قىلىنغان تېررىتورىيە، ئاپتونومىيەسىز ياكى ئىگىلىك ھوقۇقنىڭ چەكلىمىسىگە ئۈچرىغان بىر زىمىن بولسۇن، سىياسىي، قانۇنىي ۋە خەلقارالاردا تۇرغان ئورنىغا قاراپ پەرىقلەندۈرىلمەسلىكى كېرەك.
3 -ماددا
ھەر بىر ئادەمنىڭ ھاياتقا، ئەركىنلىككە ۋە شەخسىي ئامانلىققا ئېرىشىش ھوقۇقى بار.
4 -ماددا
ھىچ قانداق بىر ئادەم قۇللۇقتا ياكى مالايلىقتا تۇتۇپ تۇرۇلـماسلىقى كېرەك. ھەرقانداق شەكىلدىكى قۇللۇق ۋە قۇل سودىسى مەنئى قىلىنىدۇ.
5 -ماددا
ھىچ قانداق بىر ئادەمنى قىيناشقا، ۋەھشىي، ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ياكى شەرمەندە قىلىدىغان ئۈسسۇللار بىلەن خورلاشقا ياكى جازالاشقا بولـمايدۇ.
6 -ماددا
ھەر بىر ئادەمنىڭ ھەر قانداق جايدا قانۇن ئالدىدا بىر ئىنسان دەپ تونولىش ھوقۇقى بار.
7 -ماددا
ھەممە ئادەم قانۇن ئالدىدا بارابەر بولۇپ، پەرىقلەندۈرىلمەستىن قانۇننىڭ تولۇق قوغدىلىنىشىغا ئېرىشىش ھوقۇقى بار. ھەممە ئادەم مەزكۇر خىتاپنامىگە زىد كېلىدىغان ھەر قانداق كەمسىتىشكە ۋە بۇ خىل كەمسىتىشنى كۈچكەرتىشكە قارشى ئوخشاش قوغدىنىش ھوقۇقى بار.
8 -ماددا
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئاساسىي قانۇن ياكى باشقا قانۇنلاردا بەرگەن ئاساسلىق ھوقۇقلىرىنى دەپسەندە قىلغان قىلمىشلار ئۈستىدىن لاياقەتلىك سوت مەھكىمىسىنىڭ ئۈنۈملىك ھالدا تۈرىتىشىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار.
9 -ماددا
ھىچ كىمنى خالىغانچە قولغا ئېلىشقا، سولاپ قويۇشقا ياكى سۈرگۈن قىلىشقا بولمايدۇ.
10 -ماددا
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ ھوقۇقلىرى ۋە مەجبۇريەتلىرىنى، شۇنداقلا ئۆزى ئۈستىدىن قىلىنغان جىنايى ھۆكۈملەرنى ئېنىقلاپ چىقىشقا، بىر مۇستەقىل ۋە بىتەرەپ سوت مەھكىمىسىنىڭ ئادىل ۋە ئوچۇق سوت ئېچىشىنى تەلەپ قىلىش ھوقۇقى بار.
11 -ماددا
1. جىنايەت بىلەن ئەيىبلەنگەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن زۆرۈر بولغان بارلىق ئىمكانىيەتلەر يارىتىپ بېرىلگەن بىر ئوچۇق سوتتا قانۇن بويىچە جىنايەتلىرى ئىسپاتلانغىچە گۇناھسىز دەپ قارىلىش ھوقۇقى بار. 2. ھەر قانداق بىر ئادەم بىر دۆلەتنىڭ ياكى خەلقئارالىق قانۇندا جىنايەت دەپ ھىسابلانمايدىغان ھەر قانداق بىر قىلمىش ياكى بىپەرۋالىقى ئۈچۈن دېلو سادىر بولغان ۋاقىتتا جىنايەتچى دەپ قارالـماسلىقى كېرەك. سادىر قىلىنغان سەۋەنلىكنى شۇ مەزگىلدە مۇۋاپىق كېلىدىغان جازادىن ئارتۇق جازا بېرىشكە ھەم بولمايدۇ.
12 -ماددا
ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ شەخسى تۇرمۇشىغا، ئائىلىسىگە، ئۆيى ياكى خەت-چەكلىرىگە خالىغانچە چېقىلىشقا، ۋە ئىززەت-ئابرويىغا داغ كەلتۈرىشكە بولمايدۇ. ھەر قانداق بىر ئادەمنىڭ بۇ خىل ئارىلىشىش ۋە ھۇجۇم قىلىشلاردىن قانۇنىي قوغدۇنىش ھوقۇقى بار.
13 -ماددا
1. ھەر بىر ئادەمنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئەركىن يۈرۈش-تۈرۇش ۋە چېگرا ئىچىدىكى رايونلاردا ماكانلىشىش ھوقۇقى بار. 2. ھەر بىر ئادەمنىڭ ھەر قانداق بىر دۆلەتتىن، جۈملىدىن ئۆزىنىڭ دۆلىتىدىن ئايرىلىش ۋە قايتىپ كېلىش ھوقۇقى بار.
14 -ماددا
1. ھەر ئادەمنىڭ زىيانكەشلىكتىن قېچىپ باشقا دۆلەتلەردە پاناھلىشىش ۋە ئۇنىڭدىن بەھرىمان بولۇش ھوقۇقى بار. 2. مەزكۇر ھوقۇق، سىياسىي تۈس ئالـمىغان جىنايەتلەر ئۈچۈن ياكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەقسىدى ۋە پرىنىسىپلىرىغا زىد كېلىدىغان قىلمىشلار ئۈچۈن بېرىدىغان جازالاردا كۈچكە ئىگە بولمايدۇ.
15 -ماددا
1. ھەر بىر ئادەمنىڭ گراژدانلىق ھوقۇقى بار. 2. ھىچ قانداق بىر ئادەمنىڭ گراژدانلىق ھوقۇقىنى خالىغانچە مەھرۇم قىلىشقا ياكى گراژدانلىقىنى ئۆزگەرتىش ھوقۇقىنى رەت قىلىشقا بولمايدۇ.
16 -ماددا
1. يېشىغا تولغان يىگىت-قىزلارنىڭ ئېرق، دۆلەت تەۋەلىكى ۋە دىن جەھەتتىكى ھىچ قانداق چەكلىمىگە ئۇچرىماستىن توي قىلىپ ئائىلە قۇرۇش ھوقۇقى بار. ئۇلار توي قىلىشتا، ئەر-ئاياللىق جەريانىدا ۋە ئاجرىتىپ كېتىشتە بارابەر ھوقۇققا ئىگە. 2. توي ھەر ئىككى تەرەپنىڭ ئەركىن ۋە تولۇق رازىلىقى بىلەن بولۇشى كېرەك. 3. ئائىلە جەمئىيەتنىڭ تەبىئى ۋە ئاسالىق يادروسى بولۇپ، ئۇ جەمئىيەت بىلەن دۆلەتنىڭ قوغدىشىغا ئىگە بولۇش ھوقۇقى بار.
17 -ماددا
1. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزى يالغۇز ۋە باشقىلار بىلەن شېرىك ھالدا مال-مۈلۈك تۇتۇش ھوقۇقى بار. 2. ھىچ كىمنى مال-مۈلكىدىن خالىغانچە ئايرىۋېتىشكە بولمايدۇ.
18 -ماددا
ھەر بىر ئادەمنىڭ ئوي-پىكىر، ۋىجدان ۋە دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقى بار بولۇپ، بۇ ھوقۇق ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ۋە ئىشەنچىسىنى ئۆزگەرتىش ئەركىنلىكى، ھەمدە ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى ۋە ئىشەنچىسىنى تەلىمات، ئىبادەت ۋە مۇراسىملار ئارقىلىق، مەيلى يالغۇز ياكى كوللېكتىۋ ھالدا بولسۇن، مەيلى ئاممىۋىي ياكى شەخسىي سورۇندا بولسۇن، بىمالال ئىپادىلەش ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
19 -ماددا
ھەر بىر ئادەمنىڭ پىكىر ۋە ئىپادىلەش ئەركىنلىك ھوقۇقى بار. بۇ ھوقۇق توسالغۇسىز ھالدا ئۆز پىكرىدە تۇرۇش ئەركىنلىكى، ھەمدە ئۈچۇر ۋە ئىدېيەلەرنى ھەر قانداق ۋاستە بىلەن چېگرا چەكلىمىسىگە ئۇچرىماي ئىزدەش، قۇبۇل قىلىش ۋە تارقىتىش ئەركىنلىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
20 -ماددا
1. ھەر بىر ئادەمنىڭ تېنچ يىغىلىش ۋە ئارىلىشىش ئەركىنلىك ھوقۇقى بار. 2. ھىچ قانداق بىر ئادەمنى مەلۇم بىر تەشكىلاتقا مەجبۇرلاپ كىرگۈزىشكە بولمايدۇ.
21 -ماددا
1. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى ھۆكۈمەتكە بىۋاستە ياكى ئەركىن سايلانغان ۋەكىل ئارقىلىق قاتنىشىش ھوقۇقى بار. 2. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز دۆلىتىدىكى ئاممىۋى مۇلازىمەتلەردىن تەڭ پايدىلىنىش ھوقۇقى بار. 3. خەلقنىڭ ئىرادىسى ھۆكۈمەت ھوقۇقىنىڭ ئاساسى بولۇشى كېرەك. بۇ ئىرادە ھەر بىر ئادەمگە ئوخشاش ھەم بارابەر بولغان سايلام ھوقۇقى بېرىلىش، مەخپىي بىلەت تاشلاش ياكى ئەركىن بېلەت تاشلاشقا تەڭ بولغان ئۇسۇللار ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلغان رەسمىي سايلاملار بىلەن ئەكس ئەتتۈرىلىشى كېرەك.
22 -ماددا
جەمئىيەتنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ھەر بىر ئادەم ئىجتىمائى كاپالەتكە ھوقۇقلۇق، ھەمدە ھەر بىر دۆلەتنىڭ تۈزىمى ۋە بايلىقلىرىغا قاراپ، دۆلەتنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە خەلقئارالىق ھەمكارلىق ئارقىلىق غۇرۇرى ۋە خارەكتىرىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇستەسنا بولسا بولـمايدىغان ئىقتىسادىي، ئىجتىمائى ۋە مەدەنىي ھوقۇقلىرىنى ئەمەلگە ئاشۇرىشقا ھوقۇقلۇق.
23 -ماددا
1. ھەر بىر ئادەمنىڭ خىزمەت قىلىشقا، خىزمەتنى ئۆز ئەركىنلىكى بىلەن تاللاشقا، ئادىل ۋە ياخشى خىزمەت شارائىتقا ئېرىشىش، ھەمدە ئىشسىزلىقتىن قوغدىنىش ھوقۇقى بار. 2. ھەر بىر ئادەمنىڭ كەمسىتىشتىن خالى ھالدا ئوخشاش خىزمەتتە ئوخشاش ھەق ئېلىش ھوقۇقى بار. 3. ھەر بىر ئىشلەۋاتقان ئادەمنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ ئىنسانلىق قەدىر-قىممىتىگە ئەرزىيدىغان مەۋجۇدلىققا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، خالىس ھەم ئۆزى ياختۇرغان ھەق ئېلىشقا، زۆرۈر تېپىلسا باشقا ئىجتىمائى مۇھاپىزەت يوللىرى بىلەن كام قالغاننى تولۇقلىۋېلىش ھوقۇقى بار. 4. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى قۇرۇش ياكى ئۇنىڭغا قاتنىشىش ھوقۇقى بار.
24 -ماددا
ھەر بىر ئادەمنىڭ دەم ئېلىش، جۈملىدىن خىزمەت ۋاقتىنى مۇۋاپىق ھالدا چەكلەش ۋە مائاشلىق دەم ئېلىشتىن قەرەرلىك ھالدا بەھرىمان بولۇش ھوقۇقى بار.
25 -ماددا
1. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزى ۋە ئائىلىسىنىڭ سالامىتى ۋە پاراۋانلىقىغا يېتەرلىك بولغان تۇرمۇش سەۋىيەسى، جۈملىدىن يېتەرلىك يىمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەك، تۇرالغۇ، داۋالىنىش ۋە زۆرۈر بولغان ئىجتىمائى پاراۋانلىق خىزمەتلىرىگە بولغان ھەقنى، ھەمدە ئىشسىز قالغاندا، كېسەل بولۇپ قالغاندا، مېيىپ بولۇپ قالغاندا، تۇل قالغاندا، قېرىغاندا ياكى ئۆزى بىر تەرەپ قىلىشى مۈمكىن بولـمىغان باشقا جەھەتتىكى تىرىكچىلىك قىيىنچىلىقلىرىغا دۇچار بولغاندا كاپالەتلىك قىلىنىشقا ھوقۇقى بار. 2. ئانىلار ۋە بالىلار ئالاھىدە كۆيۈنىش ۋە ياردەمگە ئېرىشىش ھوقۇقى بار. بارلىق بالىلار، نىكاھلىق ياكى نىكاھسىز تۇغۇرلۇشتىن قەتئى-نەزەر، ئوخشاش ئىجتىمائى مۇھاپىزەتتىن بەھرىمان بولۇشى كېرەك.
26 -ماددا
1. ھەر بىر ئادەمنىڭ مائارىپقا ئېرىشىش ھوقۇقى بار. باشلانغۇچ مائارىپ ھىچ بولـمىغاندا ھەقسىز بولۇشى كېرەك. باشلانغۇچ مائارىپ مەجبۇرى بولۇشى كېرەك. تېخنىكوم ۋە كەسپىي مەكتەپلەر يېتەرلىك بولۇشى، ئالى مەكتەپلەر قابىلىيىتى يەتكەن ھەر قانداق بىر ئادەمگە ئاساسەن ئوچۈق بولۇشى كېرەك. 2. مائارىپ ئىنساننىڭ خارەكتىرىنى تولۇق يېتىلدۈرىشنى، ھەمدە ئىنسانلىق ھوقۇق ۋە ئاساسلىق ئەركىنلىكلەرگە بولغان ھۆرمەتنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلغان بولۇشى كېرەك. مائارىپ بارلىق دۆلەتلەر، ئېرقىي ۋە دىنىي گۇرۇپپىلار ئارىسىدىكى ئۆز-ئارا چۈشۈنىشنى، يول قويۇشنى ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشى، ھەمدە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىېنچلىقىنى ساقلاش پائالىيىتىنى ئىلگىرى سۈرىشى كېرەك. 3. ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتلىرىگە قانداق تەربىيە بېرىشنى تاللاشتا ئالاھىدە ھوقۇقى بار. 27 -ماددا
1. ھەر بىر ئادەمنىڭ جامائەتچىلىك ئىچىدىكى مەدەنىي ھاياتقا ئەركىن قاتنىشىش، سەنئەتتىن ھوزۇرلىنىش،شۇنداقلا پەننىي يۈكسىلىش ۋە ئۇنىڭ پايدىسىدىن بەھرىمان بولۇش ھوقۇقى بار. 2. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزى ياراتقان ئىلمىي، ئەدەبىي ياكى سەنئەت ئەسەرلىرىدىن كېلىپ چىققان مەنىۋى ۋە ماددى مەنپەئەتلەرنى قوغداش ھوقۇقى بار.
28 -ماددا
ھەر بىر ئادەمنىڭ مەزكۇر خىتاپنامىدە بايان قىلىنغان ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەر تولۇق ئەمىللىشىدىغان بىر ئىجتىمائى ۋە خەلقئارالىق تەرتىپكە ئىگە بولۇش ھوقۇقى بار.
29 -ماددا
1. ھەر بىر ئادەمنىڭ ئۆزىنىڭ خارەكتىرىنى ئەركىن ۋە تولۇق راۋاجلاندۇرىشقا ئىمكان بەرگەن جامائەتچىلىك ئالدىدا ئۆتەشكە تېگىشلىك مەجبۇريىتى بار. 2. ھەر بىر ئادەم ئۆز ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكلىرىنى جارى قىلغاندا، قانۇندا پەقەت باشقىلارنىڭ ئىنسانلىق ھوقۇقى ۋە ئەركىنلىكىنى تونۇش ۋە ھۆرمەتلەش، ھەمدە بىر دېموكراتىك جەمئىيەتنىڭ ئەدەپ-ئەخلاق، جەمئىيەت تەرتىپى ۋە ئومۇمىي پاراۋانلىقى جەھەتلەردىكى ئادىل تەلەپلىرىگە ئۇيغۇن بولۇش ئۈچۈنلا بەلگىلەنگەن چەكلىمىلىرىگە بويسۇنىشى لازىم. 3. بۇ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكلەر ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەقسەت ۋە پىرىنسىپلىرىغا زىد ھالدا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ.
30 -ماددا
بۇ خىتاپنامىدىكى ھىچ بىر ماددا ھىچ بىر دۆلەت، گۇرۇپپا ياكى شەخسكە مەزكۇر خىتاپنامىدە بايان قىلىنغان ھىچ بىر ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى يوقۇتىشنى مەقسەت قىلغان ھەرىكەت ياكى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىشقا يول قويىدۇ دەپ قارالـماسلىقى كېرەك.