ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ئۆزبېكىستاننىڭ بىخەتەرلىك جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنى مەدھىيىلىگەن
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو چارشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بەختىيار سائىدوۋ بىلەن ۋاشىنگتوندا كۆرۈشۈپ، ئۆزبېكىستاننىڭ بىخەتەرلىك ۋە ئىقتىسادىي ھەمكارلىقىنى مەدھىيىلىگەن.
-
ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئالىم سېيتوف تەييارلىدى
2025-04-11 -
-
-
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو (Marco Rubio) چارشەنبە كۈنى ئۆزبېكىستاننىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى بەختىيار سائىدوۋ بىلەن ۋاشىنگتوندا كۆرۈشۈپ، ئۆزبېكىستاننىڭ ئامېرىكا بىلەن بىخەتەرلىك، مەبلەغ سېلىش ۋە باشقا جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقىنى مەدھىيىلىگەن.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى تەممى برۇس (Tammy Bruce) نىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى رۇبىيو بىلەن ئۆزبېكىستان تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى سائىدوۋ كۆرۈشكىنىدە، رۇبىيو ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ مۇستەقىللىقى، ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە تېررىتورىيە پۈتۈنلۈكىنى داۋاملىق قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى برۇس بۇ قېتىمقى كۆرۈشۈشتە، تاشقىي ئىشلار مىنىستىر رۇبىيونىڭ ئۆزبېكىستاننىڭ دائىشنى يوقۇتۇش خەلقئارالىق بىرلىكىنىڭ تولۇق ئەزاسى بولۇپ كىرگەنلىكىنى قارشى ئالغانلىقى، شۇنداقلا ئۆزبېكىستاننىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئامېرىكاغا قانۇنسىز كىرگەن ۋەتەنداشلىرىنى ئامېرىكادىن ئېلىپ كەتكەنلىكىگە رەھمەت ئېيتقانلىقىنى بىلدۈردى.
تاشقىي ئىشلار مىنىستىر رۇبىيو ئۆزىنىڭ تۋىتتېر (X) ھېسابىدا بۇ كۆرۈشۈش توغرىسىدىكى يازمىسىدا ئۆزبېكىستاننىڭ تاشقىي ئىشلار مىنىستىرىنى مەدھىيىلەپ، سائىدوۋنىڭ «قانۇنسىز كۆچمەنلەرنىڭ كىرىشىنى چەكلەشتە ۋە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشتىكى بىر كۈچلۈك شېرىكىمىز» دېگەن.
رۇبىيو يازمىسىنىڭ داۋامىدا يەنە، «بىز ئامېرىكانىڭ روناق تېپىشى ۋە خەۋپسىزلىكىنى بىرىنچى ئورۇنغا داۋاملىق قويۇشىمىزدا بۇ خىل شېرىكلىك مۇناسىۋەت ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. بىزنىڭ ئىككى دۆلەت ئارىسىدا مەبلەغ سېلىش، ھالقىلىق مىنېراللار ۋە باشقا ساھەلەردە ھەمكارلىشىش جەھەتتە ئالدىمىزدا زور يوشۇرۇن كۈچ بار» دېگەن.
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى برۇسنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئىككى تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىرى يەنە يادرو ئېنېرگىيە تېخنىكىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە توختالغان، شۇنداقلا ئىككىلا تەرەپنىڭ ئىستراتېگىيەلىك سانائەتلەردە ئىقتىسادىي ھەمكارلىشىش پۇرسەتلىرىنى كۆپەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.