
شۋېتسىيە ئۇيغۇر كومىتېتى رەئىسى ۋە ئاتاقلىق سەنئەتكار كۈرەش كۈسەن، ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 28 - دېكابىر كۈنى ئامېرىكىنىڭ پايتەختى ۋاشىنگتونغا يېتىپ كەلدى . ئۇ ئامېرىكىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋىي ئانىسى ، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ۋە ۋاشىنگتوندىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن ئۇچراشتى.
30 - دېكابىر كۈنى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنى زىيارەت قىلغان كۆرەش ئەپەندى، رادىئو مەسئۇللىرى بىلەن كۆرۈشتى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھەمدە ئۇيغۇر مۇزىكىسى توغرىسىدا سۆھبەتلەشتى. كۈرەش كۈسەن ئەپەندى يەنە مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلپ، ئۆزىنىڭ ھاياتى، ئۇيغۇر مۇزىلىكىرىغا بولغان قىزىقىشى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى پىلانلىرى ھەققىدە توختالدى.
كۆرەش ئەپەندى يەنە 31 - دېكابىر كۈنى كەچتە ۋاشىنگتوندا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئۇيغۇر ئامېرىكا بىرلەشمىسىنىڭ يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشماقچى.
بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلارنى، مۇخبىرىمىز ئەقىدەنىڭ كۈرەش كۈسەن ئەپەندى بىلەنۆتكۈزگەن سۆھبىتىدىن ئاڭلاڭ.