رۇسىيە دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى سېرگىي ئىۋانوف، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ كېلەر يىلى خىتاي چېگرىسى ئىچىدە، تۇنجى قېتىملىق چوڭ كۆلەملىك بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىر ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم جاكارلىدى.
خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى كېلەر يىلى ئۆتكۈزۈلمەكچى بولۇپ، خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مانېۋىردا ئەڭ يېڭى تىپتىكى سۇ ئاستى ئۇرۇشچى پاراخوتى ۋە ئەڭ ئىلغار تىپتىكى ستراتېگىيىلىك بومباردىمانچى ئايروپىلانغا ئوخشاش ئۇرۇش قوراللىرى ئىشلىتىلىدىكەن.
بۇ مۇناسىۋەت بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى مەمەت توختى، خىتاي بىلەن رۇسىيىنىڭ كېلەر يىلى ئۆتكۈزمەكچى بولغان بىرلەشمە مانېۋىرىنىڭ ئارقا كۆرۈنىشى ۋە خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ ستراتېگىيىلىك مۇناسىۋىتى ھەققىدە توختالدى. بۇنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلاڭ.