جاڭ زېمىن دەۋرى ئۇيغۇرلار ئۈچۈن نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟

0:00 / 0:00

خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سابىق باش سېكرىتارى، دۆلەت رەئىسى جاڭ زېمىن، خىتاي تارىخىدىكى ھوقۇقىنى ۋارىسىغا تىنچ يول بىلەن ئۆتكۈزۈپ بەرگەن بىردىن - بىر رەھبەر. جاڭ زېمىن، كېلەر يىلى 3 - ئايدا دۆلەت ھەربىي ئىشلار كومىتېتىدىكى ئاخىرقى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلىپ، ھۆكۈمەتتىكى خىزمەت ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرىدۇ.

جاڭ زېمىن دەۋرى، خىتاينىڭ ئىقتىسادى جەھەتتە ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان شۇنداقلا خەلقئارانىڭ ئەڭ ئېغىر بېسىمغا ئۇچرىغان دەۋرىگە توغرا كېلىدۇ. خوڭكوڭ پەن - تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى سۇي داۋېي، جاڭ زېمىننىڭ ئەڭ چوڭ تۆھپىسى خىتاينى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئېلىپ كىرىشىدۇر، دەپ كۆرسىتىدۇ.

بىراق كۆپ قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ نەزىرىدە، جاڭ زېمىن دەۋرى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى سىياسى باستۇرۇش، مەدەنىيەت ئاسسىمىلياتسىيىسى، كۆچمەنلەر، تۇغۇت ۋە ئىقتىسادى تالان- تاراج ھەرىكىتى يۈكسەك پەللىگە چىققان دەۋرى، دەپ قارىلىدۇ.

ئامېرىكىدا سۈرگۈندە ياشاۋاتقان ئوبزورچى سىدىق ھاجى روزى، جاڭ زېمىننىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.