1. كېرەكلىك ماتېرىيال
* ئانتېنناسى بار بىر قىسقا دولقۇنلۇق رادىئو.
* قوشۇمچە بىر ئانتېننا ياكى مېتال سىم (رادىئونىڭ تانتېنناسىدىن 2 سانتىمېتىر قىسقا بولسۇن).
* رادىئو ۋە ئانتېننىنى قويغۇدەك چوڭلۇقتىكى بىر پارچە قۇرۇق ياغاچ تاختا (cm x 60cm 30 ئەتراپىدا ياكى رادىئودىن ئازراقلا چوڭ بولسا بولدى.)
* تۆت دانە بۇرمىلىق ئىلمەك.

* ئىككى تال رېزىنكە.
* ئىككى پارچە ئاليۇمىن قەغەز ياكى توك ئۆتكۈزگۈچ قەغەز ماتېرىيال.
* كىچىك بىر پارچە ياغاچ تاختا پارچىسى (4x4x2cm).
* ئانتېننانى ئاليۇمىن ياكى مېتال قەغەزگە تۇتاشتۇرغىدەك ئۇزۇنلۇقتىكى ئىككى تال سىم (15 سانتىمېتىر).
* بۇرمىلىق ئىككى تال كىچىك مىخ. (سىمنى ئاليۇمىن ياكى مېتال قەغەزگە تۇتاشتۇرۇش ئۈچۈن).
2. قۇراشتۇرۇش جەريانى
* ئىككى پارچە ئاليۇمىن قەغەز ياكى توك ئۆتكۈزگۈچ قەغەز ماتېرىيالنى ياغاچ تاختىنىڭ ئۈستىگە رەسىمدىكىدەك يايىمىز. ئىككىسىنىڭ ئارىلىقىدا ئاز دېگەندە ئىككى سانتىمېتىر ئارىلىق قېلىشى كېرەك.
* تۆت دانە بۇرمىلىق ئىلمەكنى رادىئو قويۇلىدىغان توك ئۆتكۈزگۈچ قەغەزنىڭ تۆت ئەتراپىغا ئورۇنلاشتۇرىمىز. (رادىئونىڭ چىڭ تۇرۇشى ئۈچۈن. رەسىمدىكىدەك).
* كىچىك ياغاچ تاختىغا قوشۇمچە ئانتېننانىڭ دىئامېتىرى چوڭلۇقىدا بىر تۆشۈك ئېچىپ، قوشۇمچە ئانتېننانى تىقىمىز. ئاندىن، بىر تال سىمنىڭ بىر ئۇچىنى ئانتېننانىڭ ياغاچقا تېگىپ تۇرىدىغان يېرىگە يۆگەپ، يەنە بىر ئۇچىنى بۇرمىلىق ئىلمەكنىڭ بىرىگە ئۇلايمىز.
* كىچىك ياغاچ تاختىنى رادىئو قويۇلىدىغان چوڭ ياغاچ تاختىنىڭ ئۈستىگە چىڭ ئورۇنلاشتۇرىمىز. (يىلىم، مىخ ياكى بۇرمىلىق مىخ بىلەن). (مېتال سىم قوشۇمچە ئانتېننانىڭ ئورنىدا ئىشلىتىلسە بولىدۇ).
* ئىككىنچى بىر تال سىمنىڭ بىر ئۇچىنى بۇرمىلىق مىخ بىلەن ئىككىنچى بىر ئاليۇمىن ياكى مېتال قەغەزگە تۇتاشتۇرىمىز. يەنە بىر ئۇچىنى رادىئونىڭ ئانتېنناسىغا يۆگەيمىز.
* تەييارلانغان ئىككى تال رېزىنكە بىلەن رادىئونى چوڭ ياغاچ تاختىغا باغلايمىز. بۇ ۋاقىتتا ئىككى تال ئانتېننا پاراللېل ھالدا تىك تۇرىدۇ. رادىئونىڭ ئانتېنناسى تولۇق چىقىرىلىپ، قوشۇمچە ئانتېننادىن ئازراق ئېگىز ھالەتتە كەلتۈرۈلىدۇ.
3. ئىشلىتىش ئۇسۇلى
* يۇقىرىقى جەريان تاماملانغاندىن كېيىن، رادىئونى ئوچۇقراق يەرگە، مەسىلەن دېرىزىنىڭ يېنىغا ئەكېلىڭ ياكى بالكون، ئۆينىڭ سىرتىغا ئېلىپ چىقىڭ.
* رادىئونى ئاڭلىماقچى بولغان پروگرامما چاستوتىسىغا توغرىلاڭ. ئاۋازنىڭ سۈزۈكرەك ئاڭلىنىشى ئۈچۈن، رادىئو قويۇلغان تاختىنىڭ ئورنىنى تەڭشەڭ. رادىئو قويۇلغان تاختىنىڭ ئورنىنى تەڭشىگەندە ئاليۇمىن قەغەز ياكى توك ئۆتكۈزگۈچ قەغەز ماتېرىيالغا، رادىئوغا ياكى ئانتېنناغا تەگمەڭ. رادىئو دولقۇنىغا تەسىر يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن، بەدىنىڭىزنى ئىلاجى بار رادىئودىن يىراق تۇتۇڭ. بۇ ئۇسسۇللار ئارقىلىق، كاشىلا قىلىۋاتقان دولقۇننى ئاجىزلىتىپ، ئاڭلىماقچى بولغان دولقۇننىڭ سۈزۈكلۈكىنى ئاشۇرۇش مۇمكىن.
* يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك ئۈنۈمگە ئېرىشەلمىسىڭىز، رادىئونىڭ ئانتېنناسىنىڭ يۆلۈنىشىنى ئۆزگەرتىپ بېقىڭ. توغرىلانغان چاستوتىدا كۆڭۈلدىكىدەك ئاڭلانمىسا، باشقا چاستوتىغا توغرىلاپ، يۇقىرىقى جەرياننى قايتىلاڭ. ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ئوخشاش بولمىغان چاستوتىدا، ئوخشاش بولمىغان ئورۇنلاردىن ئاڭلىتىشىنى تارقىتىدۇ.
(ئەگەر كاشىلا سىگنالى رادىئو سىگنالى بىلەن ئوخشاش يۆلۈنۈشتىن تارقىتىلغان بولسا، بۇ ئۇسسۇلنىڭ ياردىمى بولمايدۇ).
ئەگەر سىزنىڭ كاشىلا دولقۇنىنى توسۇشتا تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئۇسۇلىڭىز بولسا webmaster@www.rfa.org غا خەت يېزىڭ.