ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى قولىدا خىتاينىڭ رۇسىيەگە قورال-ياراق تەمىنلىگەنلىكىنىڭ دەلىلى بارلىقىنى بىلدۈردى

ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ قولىدا خىتاينىڭ رۇسىيەگە قورال-ياراق تەمىنلىگەنلىكى توغرىسىدا ئىستىقباراتنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى.

رۇسىيە قوشۇنلىرى تەرىپى بىلەن ئۇرۇش قىلىشتا ئەسىرگە چۈشۈرۈلگەن ئىككى خىتاي ئەسكەرلىرى جاڭ رېنبا ۋە ۋاڭ گۇاڭجۈن، 2025-يىلى 14-ئاپرېل كۈنى كىيېۋتا مۇخبىرلار بىلەن سۆزلەشمەكتە. Photo: Genya Savilov/AFP

ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ قولىدا خىتاينىڭ رۇسىيەگە قورال-ياراق تەمىنلىگەنلىكى توغرىسىدا ئىستىقباراتنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى ۋولودىمىر زېلېنىسكى پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزىنىڭ قولىدا خىتاينىڭ رۇسىيەگە زەمبىرەك ۋە ئوق-دورىسى تەمىنلىگەنلىكى توغرىسىدا ئىستىقباراتنىڭ بارلىقىنى بىلدۈردى. پرېزىدېنت زېلېنىسكى سۆزىدە، «بىز ئاخىرى خىتاينىڭ رۇسىيە فېدېراتسىيەسىگە قورال-ياراق تەمىنلىگەنلىكى توغرىسىدىكى ئۇچۇرغا ئىگە بولدۇق. بىز خىتاي ۋەكىللىرىنىڭ رۇسىيەنىڭ تېررىتورىيەسىدە بەزى قورال-ياراقلارنى ئىشلەپچىقارغانلىقىغا ئىشىنىمىز» دېگەن.

زېلېنىسكى سۆزىدە يەنە، «بىزنىڭ قولىمىزدا خىتاي بىلەن رۇسىيەنىڭ دۆلەت مۇداپىيە قابىلىيىتىنى كۈچلەندۈرۈش ئۈچۈن بۇ مەقسەتتە ئىش بىرلىكى ئېلىپ بارغان پاكىتىمىز بار» دەپ، ئۆزىنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ ئىلگىرى رۇسىيەگە قورال-ياراق بەرمەيمىز دېگەن ۋەدىسىگە خىلاپلىق قىلغىنىدىن ئەپسۇسلانغان.

جەنۇبىي خىتاي ئەتتىگەنلىك گېزىتىنىڭ بۇ توغرىسىدا بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۇكرائىنانىڭ خىتاينى بۇ مەسىلە ئۈستىدە ئەيىبلىشى خىتاي بىلەن ئۇكرائىنا ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرىۋېتىدىكەن. چۈنكى ئۇكرائىنا تېخى يېقىندىلا خىتاي ئەسكەرلىرىنىڭ رۇسىيەگە يان بېسىپ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇش قىلغان ئەسكەرلىرىنى ئەسىرگە چۈشۈرگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى. مەزكۇر گېزىتتە ئېيتىلىشىچە، خىتاي تەرەپ سەيشەنبە كۈنى ئۇكرائىنادا تۇتۇلغان ئىككى خىتاي ئەسكىرى مەسىلىسىدىن پايدىلىنىپ ئۇنى كۆپتۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئىكەن.

ئۇكرائىنا ھۆكۈمىتى دۈشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ ئىككى خىتاي ئەسكىرىنى ئالدىنقى سەپتە ئەسىرگە چۈشۈرگەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئىككى ئەسكەرنىمۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىغا ئېلىپ كەلگەن ئىدى. بۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا جاڭ رېنبا ۋە ۋاڭ گۇاڭجۈن دەپ ئاتىلىدىغان بۇ ئىككى ئەسكەر ئۆزلىرىنىڭ يالغان ۋەدىلەر ۋە توردىكى ئەسكەر قۇبۇل قىلىش ئېلانلىرى ئارقىلىق بۇ ئۇرۇشقا قاتناشقانلىقىنى ئېيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، «رۇسىيە بىزنى ئالدىدى» دەپ بىلدۈرگەن.

بۇ يىغىندا خىتاي ئەسكەر جاڭ رېنبا ئىلگىرى خىتايدا ئوت ئۆچۈرگۈچى بولۇپ خىزمەت قىلغان بولۇپ، ئۇ «مېنىڭ پۇل تاپقىم بار ئىدى. ئەمما مەن ئۇرۇشقا قاتنىشىپ قالىمەن دەپ ئويلىمىغان» دېگەن. خىتاي ئەسكەر ۋاڭ گۇاڭجۈن ئالدىنقى سەپكە كېلىپ ئۈچ كۈن بولمايلا ئەسىرگە چۈشكەن بولۇپ، ئۇ «رېئال ئۇرۇش دېگەن بىز كىنو بىلەن تېلېۋىزورلاردا كۆرگەنگە پەقەتلا ئوخشىمايدىكەن. ئەڭ ياخشىسى ئۇرۇشقا قاتناشماسلىق كېرەك» دېگەن. بۇ ئىككەيلەن يەنە رۇسىيەگە كېلىپ ئالدانغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارغا روس تەرەپنىڭ كۆپ پۇل بېرىدىغانلىقى ۋە ئۇرۇشتىن خالى ۋەزىپە ئۆتەيدىغانلىقىغا ۋەدە بەرگەن ئىكەن. ئەمما رۇسىيەگە كېلىشى بىلەن قولىدىكى تېلېفون ۋە بانكا كارتلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ ئۇزۇن قالماي ئالدىنقى سەپكە ئەۋەتكەن ئىكەن.

بۇ مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا بۇ ئىككى خىتاي ئەسكىرى رۇسىيەنى قاتتىق ئەيىبلەپ، باشقا خىتايلارنىڭ كېلىپ بۇ ئۇرۇشقا قاتناشماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۇرۇشتا ھېچ كىمنى ئۆلتۈرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇلار يەنە ئۆزلىرىنىڭ رۇسىيەگە ئەسكەر بولۇپ كېلىشىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھېچ قانداق رول ئوينىمىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇكرائىنا پرېزىدېنتى زېلېنىسكى ئۆتكەن جۈمە كۈنى رۇسىيە تەرەپتە تۇرۇپ ئۇكرائىناغا قارشى ئۇرۇش قىلىۋاتقان بىر قانچە يۈز خىتاي ئەسكىرى بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org