خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي تىلىنى كېڭەيتىش ۋە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلدى
خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى يۇ ۋېنچىڭ ئامېرىكا-خىتاي تاموژنا توقۇنۇشى كەسكىنلەشكەن پەيتتە ئۇيغۇر رايونىدا تۆت كۈنلۈك زىيارەت ئۆتكۈزۈپ، خىتاي تىلىنى كەڭ قوللىنىش ۋە تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشنى تەكىتلىگەن.
-
ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئالىم سېيتوف تەييارلىدى
2025-04-14 -
-
-
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تاموژنا بېجى ئۇرۇشى بارغانسېرى كەسكىنلىشىۋاتقان بىر ۋاقىتتا، خىتاينىڭ مەركىزىي سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى ۋە مەملىكەتلىك سىياسىي قانۇن كومىتېتىنىڭ باش كاتىبى يۇ ۋېنچىڭ ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر رايونىدا 4 كۈنلۈك زىيارەتتە بولۇپ، خىتاي تىلىنى كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىش ۋە تېررورىزمغا داۋاملىق قارشى تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يۇ ۋېنچىڭ ئۆتكەن پەيشەنبىدىن يەكشەنبىگىچە ئۇيغۇر رايونىدا 4 كۈنلۈك زىيارەتتە بولغان ئىكەن. ئۇ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە ئۈرۈمچى، قەشقەر ۋە ئاقسۇ قاتارلىق شەھەرلەرگە بارغان بولۇپ، ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەت كادىرلىرى بىلەن كۆرۈشكەن.
جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ بۇ توغرىسىدىكى خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، يۇ ۋېنچىڭ «بىز قانۇننى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، قانۇن بويىچە زوراۋانلىق ۋە تېررورىزم جىنايەتلىرىگە قاتتىق زەربە بېرىشىمىز، شۇنداقلا دىنىي ئەسەبىيلىك بىخ ئۈندىغان تۇپراقنى يوقۇتىشىمىز كېرەك. ھەر قانداق تېررورلۇق باش كۆتۈرىشى ھامان دەرھال ئۇجۇقتۇرۇشىمىز كېرەك» دېگەن.
جەنۇبىي خىتاي ئەتىگەنلىك گېزىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يۇ ۋېنچىڭ بۇ زىيارىتىدە يەنە يەرلىك بىخەتەرلىكنى قوغداش ئورگانلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەتنىڭ ئامانلىقى ۋە ئۇزۇن-مۇددەتلىك تىنچلىقنى ساقلاشنى ئاساسىي نىشان قىلىشىنى تەكىتلىگەن. ئۇ سۆزىدە، «تېررورىزمغا قارشى» تەدبىرلەرنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە نورماللاشتۇرۇشقا چاقىرىق قىلىپ، خىتاي تىلىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بارلىق ئاز سانلىق مىللەتلەر ئارىسىدا كەڭ دائىرىدە ئىشلىتىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بۇ بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە مەسئۇل ئەمەلدارىنىڭ ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى جىددىيلەشكەن بىر ۋاقىتتا ئۇيغۇر رايونىنى 4 كۈن زىيارەت قىلىپ يەنە ئاتالمىش تېررورىزمغا قارشى تۇرۇشقا چاقىرىق قىلىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىماقتا. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇزۇن يىللاردىن بېرى خەلقئارادا ھەر زامان ئۆزىگە پايدىسىز بىر چوڭ ۋەزىيەت ۋەياكى سىياسىي كرىزىس پەيدا بولغاندا، ئەڭ ئاۋۋال مۇقىمسىز چېگرا رايونى دەپ قارالغان ئۇيغۇر رايونىدا ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى تەكىتلەپ، ئۆزىگە قارشى ھەر قانداق بىر ھەرىكەتنىڭ يۈز بېرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تېررورىزمنى باھانە قىلىپ تەييارلىق قىلىپ كەلگەن ئىدى. يۇ ۋېنچىڭمۇ ئۇيغۇر رايونىغا قاراتقان بۇ قېتىمقى سەپىرىدە نەق مۇشۇ نۇقتىلارنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ 10 دىن ئارتۇق ئىتتىپاقداشلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2017-يىلدىن بېرى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا يەرلىك تۈركىي مىللەتلەرگە قارشى ئېلىپ بارغان قەبىھ جىنايەتلىرىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن، خىتاي دائىرىلىرى ئۆزىنىڭ بۇنداق جىنايەتلەرنى ئېلىپ بارغانلىقىنى ئىنكار قىلىش ئۈچۈن چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ بۇ رايونغا كېلىشىنى دەۋەت قىلىپ، شىنجاڭنى خىتايدىكى ئەڭ بىخەتەر رايون دەپ كۆپ تەشۋىق قىلغان ئىدى. يۇ ۋېنچىڭنىڭ سۆزى خىتاينىڭ شىنجاڭ بىخەتەر جاي دېگەن تەشۋىقاتىغا زىت بولۇپلا قالماستىن، ئۇنىڭ خىتاي تىلىنى ئۇيغۇر رايونىدا كەڭ كۆلەمدە ئىشلىتىش تەلىپى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇن ۋە ئاپتونومىيە قانۇنىغا خىلاپ بولۇپ، بۇ ئىككىلا قانۇندا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا خىتاي تىلى بىلەن باراۋەر رەسمىي ھۆكۈمەت تىلى ئورنىدا قوللىنىشى كاپالەتكە ئىگە قىلىنغان.