ئانالىزچىلار: پرېزىدېنت ترامپىنىڭ خىتايغا قويغان بېجى شى جىنپىڭنىڭ ھالى ئەڭ خاراب ۋاقتىغا توغرا كەلدى

ئالىي تەتقىقاتچى گوردون چاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، پرېزىدېنت ترامپىنىڭ خىتايغا قويغان تاموژنا باجلىرى مۇتلەق كۆپ قىسىم خىتاي ماللىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىش يولىنى توسىۋېتىدىكەن.

ئامېرىكادىكى بىر قىسىم خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تاموژنا بېجى ئۇرۇشىدا ئامېرىكا ئاخىرقى ھىسابتا پايدا ئېلىپ خىتاي زور دەرىجىدە زىيان تارتىدىكەن. Photo: RFA

ئامېرىكادىكى بىر قىسىم خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسىسلىرىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تاموژنا بېجى ئۇرۇشىدا ئامېرىكا ئاخىرقى ھىسابتا پايدا ئېلىپ خىتاي زور دەرىجىدە زىيان تارتىدىكەن. ئامېرىكادىكى مەشھۇر خىتايشۇناس ۋە گېيتستون ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭ ئەپەندىنىڭ پەيشەنبە كۈنى فوكس تېلېۋىزىيەسىنىڭ زىيارىتىنى قۇبۇل قىلغىنىدا، خىتاينىڭ 2001-يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇپ كىرگەندىن بۇيان ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ، ئامېرىكانىڭ ۋەيران بولغان خەلقئارالىق سودا تەرتىبىنى ئۆزگەرتىشىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

گوردون چاڭ سۆزىدە، «ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ 70 تىن ئارتۇق دۆلەت بىلەن سودا سۆھبىتى ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق نەق مۇشۇ ئىشنى قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسى بولسا خىتاينى يىتىم قالدۇرىشتىن ئىبارەت» دېگەن. ئۇ سۆزىدە يەنە، «ئامېرىكانىڭ قولىدا بۇنى قىلالايدىغان قوراللىرى بار. ئامېرىكا دېگەن دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىستىمالچىلار بازىرى. ھەممىسىنىڭ ئامېرىكالىقلارغا مال سېتىش ئېھتىياجى بار. پرېزىدېنت ترامپ شۇنى چۈشۈنىدۇ. مېنىڭچە ئۇ شۇ ئىشلارنى <خەلقئارالىق سودا تەرتىبىنى ئۆزگەرتىشىنى> پۈتتۈرىدۇ» دېگەن.

ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ چارشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ مىنىستىرلىرى بىلەن ئاق سارايدا ئاچقان يىغىنىدا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىئو خىتاي شىركەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، "بىز خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكادا خالىغاننى قىلالايدىغان بىر دۇنيادا ياشايمىز. ئەمما بىزنىڭ شىركەتلىرىمىز ئۇ يەردە <خىتايدا> رۇخسەت بېرىلمىگىچە ھىچ نىمە قىلالمايدۇ. ئاندىن ئۇلار بىزنىڭ نەرسىلىرىمىزنى <ئەقلىي مۈلۈكلىرىمىزنى> ئوغۇرلاپ باشقىچە ياساپ چىقىدۇ. بۇ خىل تەرتىبنى قايتا تەڭشەش كېرەك چۈنكى بۇنىڭ دۇنيانىڭ تېنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە زور تەسىرى بار» دەپ بىلدۈرگەن ئىدى.

ئالىي تەتقىقاتچى گوردون چاڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادى ھازىر چۆكۈشكە باشلىغان بولۇپ، ئۇنىڭ ۋەزىيىتى تېخىمۇ ناچارلىشىدىكەن. چۈنكى خىتاي خەلقى ئۆتكەن يىلى خىتاينىڭ يىللىق مىللىي دارامىتىنىڭ ئاران 38 پىرسەنتتىنى ئىستىمال قىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ نىسبىتى ھازىرمۇ تۆۋەنگە قاراپ ماڭغان ئىكەن. شۇڭا بۇنداق بىر ئەھۋال ئاستىدا، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ ئېغىر ۋەزىيەتتىن بىردىن-بىر قۇتۇلۇش يولى بولسا خىتاي ماللىرىنى تېخىمۇ كۆپ ھالدا خەلقئاراغا ئېكسپورت قىلىش ئىكەن. ئەمما گوردون چاڭنىڭ بىلدۈرىشىچە، پرېزىدېنت ترامپىنىڭ خىتايغا قويغان تاموژنا باجلىرى مۇتلەق كۆپ قىسىم خىتاي ماللىرىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىش يولىنى توسىۋېتىدىكەن.

مارتىن كاپىتال شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى رود مارتىن ئەپەندى چارشەنبە كۈنى تۋىتتېردا ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى تاموژنا بېجى ئۇرۇشىنىڭ نەتىجىسى توغرىسىدا ئانالىز ئېلان قىلىپ، خىتاي چۈشىنىڭ ئاخرىلىشىپ، خىتاينىڭ ئىقتىسادىي مۆجىزىسىنىڭ ئۆلىدىغانلىقىنى قەيت قىلدى. مارتىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ «شەرق باش كۆتۈردى» دېگەننى تەشۋىق قىلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما خىتاينىڭ ئىستاتىسكىسى خىتاينىڭ چۆكۈۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي مۇشۇ پېتى ماڭسا 2100-يىلغىچە ئۇنىڭ نوپۇسىنىڭ 75 پىرسەنتى يوق بولىدىكەن. بۇ خىتايدىكى خىزمەتچى، ئىستىمالچى ۋە باج تۆلىگۈچىلىرىنىڭ 3 دىن 4 نىڭ يوقولۇشى بولۇپ ھىسابلىنىدىكەن.

مارتىن ئەپەندىنىڭ دېيىشىچە، خىتاي ھازىر قارىماققا بايدەك كۆرۈنگىنى بىلەن، ئۇنىڭ 300 مىليون يېزا-قىشلاقلاردا پېنسىيەگە چىققانلار ھەر ئايدا ئاران 32 دوللار مائاش ئالىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە 2021-يىلىدىن باشلاپ خىتاي نوپۇسىنىڭ قولىدىكى 18 ترىليون دوللار پۇل ئۆي-مۈلۈك كۆپۈكىنىڭ پارتلىشى بىلەن يوقالغان ئىكەن. مارتىن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتاينىڭ ئىقتىسادى پەقەت ئېكسپورت بىلەن ئالدىغا قاراپ ماڭىدىكەن ۋە ئامېرىكا ئۇلار ئىشلەپچىقارغان ماللارنىڭ 39 پىرسەنتىنى سېتىۋالىدىكەن. ئەگەر ئامېرىكا خىتاينىڭ ماللىرىنى ئالمىسا، خىتاينىڭ ئىقتىسادى دۇنيانى ئىگىلەشنىڭ ئورنىغا، تارىخىي ھالاكەتكە قاراپ ماڭىدىكەن.

خىتاينىڭ ۋاشىنگتوندىكى باش ئەلچىخانىسى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قويغان تاموژنا بېجىنىڭ 245 پىرسەنتكە ئۆسكەنلىكى توغرىسىدا تۋىتتېر (X) دا بايانات ئېلان قىلىپ، «خىتاي بۇ ئۇرۇشلارنى قىلىشنى خالىمايدۇ، ئەمما قىلىشتىنمۇ قورقمايدۇ. ئەگەر ئامېرىكا داۋاملىق ھالدا تاموژنا بېجى مەسىلىسىدە نومۇر ئويۇنى ئوينىسا، بىزنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارىمىز بولمايدۇ» دەپ خىتاينىڭ مەيدانىنىڭ يەنىلا قاتتىقلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما پرېزىدېنت ترامپىنىڭ ئوخشاش سۇپىدا پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خىتاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئۆزى بىلەن كۆرۈشىشكە تەشنا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org