ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئەكپەر ئەسئەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنىڭ 9-يىللىقىدا ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلدى
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن كېڭەش پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسلىرى چارشەنبە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي تۈرمىسىدە 9 يىلدىن بېرى يېتىۋاتقان بىگۇناھ ئۇيغۇر كارخانىچى ئەكپەر ئەسئەتنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلدى.
-
ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز گۈلخۇمار تەييارلىدى
2025-04-11 -
-
-
ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى بىلەن كېڭەش پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسلىرى چارشەنبە بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي تۈرمىسىدە 9 يىلدىن بېرى يېتىۋاتقان بىگۇناھ ئۇيغۇر كارخانىچى ئەكپەر ئەسئەتنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلدى. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتىدا «خىتاي كومپارتىيەسى شىنجاڭدا ئىرقىي قىرغىنچىلىق بىلەن ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەتنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان بىر ۋاقىتتا بىز ئەكپەرنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىگە چاقىرىق قىلىمىز» دېگەن.
ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى تاشقىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ قوش رەئىسلىرى جىم رىچ (Jim Risch) بىلەن كرىس كۇنس (Chris Coons) ئېلان قىلغان باياناتىدىمۇ «باغداش» تورىنىڭ قۇرغۇچىسى بولغان ئەكپەرنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. ئۇلار باياناتىدا، «بىز ئەكپەر ئەسئەتنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىنى ئەڭ قاتتىق شەكىلدە ئەيىبلەيمىز» دەپ، ئۇنىڭ 9 يىل بۇرۇن تۇتۇلۇپ، ئاقسۇ تۈرمىسىدە يېتىۋاتقانلىقى، بۇ زۇلۇمنىڭ ئۇنىڭ سالامەتلىكىگە ئېغىر زەخمەت يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر باياناتتا يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقانلىقى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى 2017-يىلىدىن بېرى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرلارنى لاگېرلارغا سولىغان، مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان، قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالغان، دىنىي ئەركىنلىكنى بوغقان، مەجبۇرىي تۇغماسلىق ۋە مەجبۇرىي بالا چۈشۈرۈش ئوپېراتسىيەلىرىنى ئېلىپ باردى» دېيىلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى يىللاردىن بېرى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتقان كەڭ كۆلەملىك تۇتقۇن قىلىشتا گۈلشەن ئابباس، يالقۇن روزى ۋە ئىلھام توختى قاتارلىق ھەر ساھەلەردە كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر زىيالىلىرى بار بولۇپ، مەزكۇر باياناتتا ئىككى قوش رەئىس ئۇلارنى نەزەردە تۇتۇپ، «بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئەكپەر ئەسئەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق سىياسىي تۇتقۇنلارنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز» دېگەن.
بۇ يىل 40 ياشقا كىرگەن ئەكبەر ئەسئەت 2016-يىلى ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى ئورۇنلاشتۇرغان «خەلقئارالىق زىيارەتچىلەرنى تەربىيەلەش رەھبەرلىك پىروگراممىسى»غا قاتناشقان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇ ۋەتەنگە قايتىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا قولغا ئالغان. خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى ئاتالمىش مىللىي ئۆچمەنلىك بىلەن 15 يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلغان بولۇپ، ئۇ ھازىر ئاقسۇ تۈرمىسىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە. ئەكپەرنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ھەدىسى رەيھان ئەسەت خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى بولۇپ، ئۇ خىتاي تۈرمىسىدە 9 يىلدىن بېرى بىگۇناھ يېتىۋاتقان ئىنىسىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن توختىماي كۈرەش قىلماقتا.