خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشىنىڭ ئاقىۋىتىدىن قاتتىق ئەندىشە قىلماقتا
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ دۇنيانىڭ سودا تەرتىبىنى قايتىدىن تەڭشەپ چىقىش ئۈچۈن ئوخشىمىغان دۆلەتلەرگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە تاموژنا بېجى قويغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايغا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قويۇپ، ئۆزى بىلەن سودا سۆھبىتى ئېلىپ بارغان دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن سودىسىنى چەكلىشىنى تەپەببۇس قىلىپ كەلگەن ئىدى.
-
ۋاشىنگتوندىن مۇخبىرىمىز ئالىم سېيتوف تەييارلىدى
2025-04-21 -
-
-
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدىكى سودا ئۇرۇشى بىر ئايدىن بېرى بارغانسېرى كەسكىنلىشىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قويغان ئومۇمىي تاموژنا بېجىنىڭ نىسبىتى 245 پىرسەنتكە يەتكەن بولسا، خىتاينىڭ 125 پىرسەنتتە توختاپ قالغان ئىدى. گەرچە ئىككى دۆلەت بىر-بىرىگە قويغان تاموژنا بېجىنى داۋاملىق كۆپەيتىشنى توختاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ئۇرۇش ئۈزلۈكسىز داۋاملاشماقتا.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ يەكشەنبە كۈنى خىتاي ۋە باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىسمىنى ئاتىماستىن تۇرۇپ بايانات ئېلان قىلىپ، ئۇلارنىڭ تاموژنا بېجى قويمىغان شەكىلدىكى ئالدامچىلىق قىلمىشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. پرېزىدېنت ترامپنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ھۆكۈمەتلەر ئۆزىنىڭ «پۇلىنى كونترول قىلىش، ماللىرىنى بازاردىن تۆۋەن سېتىش، ئېكسپورت قىلىدىغان ماللىرىنى مالىيە جەھەتتىن يۆلەش، يېزا-ئىگىلىك سانائەتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئايرىم ئۆلچەم قويۇش، سانائەت مەخسۇلاتلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ئايرىم ئۆلچەم قويۇش، ئەقلىي مۈلۈكلەرنى ئوغۇرلاش ۋە تاموژنا بېجىدىن قېچىش ئۈچۈن ماللىرىنى ئۈچىنچى دۆلەت ئارقىلىق ئېكسپورت قىلىش» قاتارلىق ئالدامچىلىق قىلمىشلىرى ئېلىپ بارىدىكەن. نەتىجىدە، ئامېرىكا ھەر يىلى بىر تىرىليون دوللاردىن ئارتۇق پۇل زىيان تارتىدىكەن.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ مىنىستىرلىرى بىلەن ئاق سارايدا ئاچقان يىغىنىدا ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرى ماركو رۇبىيو خىتاي شىركەتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ، «بىز خىتاي شىركەتلىرى ئامېرىكادا خالىغاننى قىلالايدىغان بىر دۇنيادا ياشايمىز. ئەمما بىزنىڭ شىركەتلىرىمىز ئۇ يەردە <خىتايدا> رۇخسەت بېرىلمىگىچە ھىچ نېمە قىلالمايدۇ. ئاندىن ئۇلار بىزنىڭ نەرسىلىرىمىزنى <ئەقلىي مۈلۈكلىرىمىزنى> ئوغۇرلاپ باشقىچە ياساپ چىقىدۇ. بۇ خىل تەرتىپنى قايتا تەڭشەش كېرەك چۈنكى بۇنىڭ دۇنيانىڭ تېنچلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە زور تەسىرى بار» دەپ بىلدۈرگەن ئىدى.
ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ دۇنيانىڭ سودا تەرتىبىنى قايتىدىن تەڭشەپ چىقىش ئۈچۈن ئوخشىمىغان دۆلەتلەرگە ئوخشىمىغان دەرىجىدە تاموژنا بېجى قويغان بولسىمۇ، ئەمما خىتايغا ئەڭ يۇقىرى دەرىجىدە قويۇپ، ئۆزى بىلەن سودا سۆھبىتى ئېلىپ بارغان دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن سودىسىنى چەكلىشىنى تەپەببۇس قىلىپ كەلگەن ئىدى. بەزى ئانالىزچىلار، ئامېرىكانىڭ بۇنداق قىلىشىنىڭ تۈپ مەقسىدى بولسا خىتاينى دۇنيادا يىتىم قالدۇرۇش ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئامېرىكانىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن ئېلىپ بارغان سودا سۆھبەتلىرىدە ئۆزى بىلەن سودا قىلىشنى چەكلىشىگە قارىتا قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي سودا مىنىستىرلىكى دۈشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، «خوشامەت قىلىش ئارقىلىق تىنچلىققا ئېرىشكىلى بولمايدۇ. مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق ھۆرمەتكە ئېرىشكىلى بولمايدۇ» دېگەن. خىتاي سودا مىنىستىرلىكى باياناتىدا يەنە، «خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر قانداق بىر دۆلەتنىڭ خىتاينىڭ مەنپەئەتىنى قايرىپ قويۇپ ئايرىم كېلىشىم تۈزۈشىگە قاتتىق قارشى تۇرىدۇ. ئەگەر بۇنداق ۋەزىيەت شەكىللەنسە، خىتاي تەرەپ بۇنى قۇبۇل قىلمايدۇ ۋە قايتۇرما زەربە خارەكتېرلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىدۇ» دەپ بىلدۈرگەن.
ئامېرىكادىكى مەشھۇر خىتايشۇناس ۋە گېيتستون ئىنستىتۇتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى گوردون چاڭ ئەپەندى ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپنىڭ خىتاي بىلەن بولغان سودا ئۇرۇشىدا تېخىمۇ قاتتىق بىر مەيداندا تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىپ تۋىتتېر (X) دا، «خىتاي ھاكىمىيىتىنى قۇتقۇزۇشقا بولمايدۇ. )پرېزىدېنت) نىكسون، بۇش ۋە كلىنتونلار نەق شۇنى قىلدى. ئۇنىڭ نەتىجىسى بىزنى بۈگۈنكى مۇشۇ ۋەزىيەتكە ئېلىپ كەلدى» دېگەن.
ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرىشىچە، ئامېرىكا بىلەن 70 تىن ئارتۇق دۆلەت يېقىندا ئايرىم-ئايرىم سودا سۆھبىتى ئېلىپ بارماقچى بولغان بولۇپ، ئامېرىكا ئۆتكەن ھەپتىدىن بېرى ياپونىيە، ۋېتنام ۋە ياۋروپا بىرلىكى قاتارلىق دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن سودا سۆھبىتى ئۆتكەزگەن. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ترامپ ئۆتكەن ھەپتە خىتاي بىلەن ئالدىمىزدىكى 3-4 ھەپتە ئىچىدە سۆھبەت ئۆتكۈزۇش مۇمكىنچىلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئامېرىكانىڭ خىتاي بىلەن قاچان سودا سۆھبىتى ئېلىپ بېرىشى تېخىچە نامەلۇم ئىكەن.
ئامېرىكا بىلەن خىتاي ئارىسىدا بىر ئايدىن بېرى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان سودا ئۇرۇشى خىتاينىڭ ھەممە يېرىگە قاتتىق تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ، ھەتتە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتمۇ بارغانسېرى ناچارلىشىپ ماڭماقتا. خىتاينىڭ دويىڭدا ئۈرۈمچىنىڭ ئىقتىسادىي ۋەزىيىتى تەسۋىرلەنگەن بىر ۋىدىيودا بىر خىتاي قىز بۇ يەردىكى ۋەزىيەتنىڭ ئادەم ئىشەنگۈسىز بىر ھالەتكە يېتىپ بارغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇرلار فېيسبۇكتا قايتا تارقاتقان بۇ ۋىدىيودا بۇ قىز، «ئۈرۈمچىدىكى چوڭ شىركەتلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك مائاشنى كېسىش ۋە ئادەم قىسقارتىش بىلەن ئالدىراش. نۇرغۇن كىچىك شىركەتلەر بولسا زىيان تارتىپ ھالاكەت بولۇش ئالدىدا. كوچىلاردىكى دۇكانلار بولسا تىرىشىپ - تىرمىشىپ تۇرىۋاتىدۇ. بىر ئايدا تاپقان پۇل ئۆي پۇلى ۋە توك-سۇ تۆلەشكە يەتمەيدۇ. ھەقىقىي پۇل تاپالايدىغانلار بەكلام ئاز. ئىشخانىدا ئىشلەيدىغانلار ئۇنى بۇنى قىلىپ بېقىپ چىشىنى چىشلەپ ياشاۋاتىدۇ. ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن كرېدىت كارد قەرزىگە بوغۇلۇپ كەتكەن. بىر ئايدا تاپقان پۇلىنىڭ ئازلىغىدا ئادەمنىڭ ئىچى ئاغرىيدۇ. بۇ پۇل قەرز پۇلنى تۆلەشكىمۇ يەتمەيدۇ. پۇقرالارنىڭ ئىستىمال قىلىش نىيىتى يوق ئەمەس. ئەمما مۇتلەق كۆپ قىسىم پۇقرالارنىڭ ئىستىمال قىلغۇدەك پۇلى يوق ... مۇتلەق كۆپ قىسىم ئادەملەرنىڭ بانكىدا يىغقان پۇلى ئۇ ياقتا تۇرسۇن، قەرزى بولمىسىلا ناھايىتى ياخشى ھالدا بولغان بولىدۇ. مانا بۇ ئۈرۈمچىنىڭ ھازىرقى ھەقىقىي ئەھۋالى» دېگەن.