تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلدى

8 - ئاپرىل كۈنى تۈركىيە باش مىنىستىرى رەجەپ تايىپ ئەردوغان ئۈرۈمچىدە زىيارىتىنى باشلىدى.

بۇ ھەقتە تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدىن دۇنيا بۇللېتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تايىپ ئەردوغاننىڭ 27 يىلدىن كېيىنكى خىتاي سەپىرىنىڭ بىرىنچى بېكىتى ئۈرۈمچى بولدى.

ئەردوغان بىلەن بىرگە ئۇنىڭ ئايالى ئامىنە ۋە قىزى سۇممېيەمۇ سەپەرداش بولۇپ ئۈرۈمچىگە كەلگەن. ئايرودرومدا مىللىيچە كىيىنگەن ئۇيغۇر بالىسى ئامىنە خانىمغا گۈل تەقدىم قىلغان شۇنىڭدەك ئۇنىڭ ئالدىغا ئاپتونوم رايون رەئىسى نۇر بەكرىمۇ كۈتۈۋېلىشقا چىققان.

بۇ قېتىم ئەردوغان بىلەن مۇئاۋىن باش مىنىستىر، ئېنېرگىيە، قاتناش - ئالاقە، مەدەنىيەت ۋە تاشقى ئىشلار، سودا قاتارلىق مىنىستىرلىكلەرنىڭ مىنىستىرلىرىمۇ ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان.

زامان گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رەجەپ تايىپ ئەردوغان جاڭ چۈنشەن ۋە نۇر بەكرى بىلەن كۆرۈشكەن.

ئەردوغاندىن باشقا يەنە بىر قىسىم پارتىيىنىڭ ۋەكىللىرى ھەم بىر قىسىم مەجلىس ئەزالىرى شۇنىڭدەك ژۇرنالىستلارمۇ ئۈرۈمچىگە كەلگەن.

ئەردوغان شۇ كۈنىلا پائالىيىتىنى باشلاپ، بىر قانچە زاۋۇت ۋە ئىش ئورۇنلىرىنى زىيارەت قىلغان. ئۇ ئۈرۈمچى سەپىرىدىن كېيىن، 2 - بېكەت سۈپىتىدە بېيجىڭغا ئۇچۇپ، خىتاي رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ

ئەردوغان ئۆزىنىڭ بۇ قېتىم ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلىشىنى بىر تارىخىي ۋەقە تەرىقىسىدە كۆرىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تايىپ ئەردوغان ئۈرۈمچىگە يېتىپ كېلىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن خىتاي يەنە 3 - تۈركۈمدە 6 نەپەر ئۇيغۇرنى تېررورچىلىق بىلەن ئەيىبلەپ تىزىملىككە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.